پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە جالاشقان ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەردە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، تەيۋەنلىكلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇڭگوڭچىلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ezilgen-milletler-parizh-namayish-385.jpg
ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىك يۈرۈشىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 22-ئۆكتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

بىز فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.