Facebook نىڭ مۇشتىرىسى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەھمىيىتىمۇ كۈچەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.07.26
2010.07.26
خارۋارد ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى Mark Zuckerberg تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئاممىۋى ئالاقە تور بېكىتى Facebook، ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدە دەۋىر بۆلگۈنچ مۆجىزە ياراتقان ئېنتېرنېت تور بېكەتلىرىدىن بىرى.
7 مىليارد نوپۇسلۇق دۇنيادا، 500 مىليون مۇشتىرىگە ئىگە Facebook قوللانغۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 130 نەپەر دوستى بار بولۇپ، ئۇلار ھەر ئايدا ئاز دېگەن 70 قېتىم ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ.
بۇلار ئىچىدە سىن ئالغۇ لېنتىلىرى ۋە ئائىلە سۈرەتلىرىمۇ بار. ئەگەر Face book نى بىر دۆلەت دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ خىتاي ۋە ھىندىستاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ نوپۇسىغا ئىگە بىر دۆلەت ھېسابلىناتتى.
Facabook ئىگىسى Mark مۇنداق دەيدۇ " بۇ ئارقىلىق ھەممە ئادەم بىر - بىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى، كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر ئورتاقلىشىش مەيدانى قۇرۇلدى. مەسىلەن، دوستلار ئارا ھايات ھەققىدە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۈرەت ۋە سىنئالغۇلارنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈش، ھەتتا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرى قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولۇشتەك ناھايىتى چوڭ بىر ئورتاقلىشىش مەيدانى شەكىللەندى".
سانلىق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، Facebook قوللانغۇچىلار ياشلار، بوۋاي - مومايلار، شىركەت دېرىكتورلىرى ۋە سىياسەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان گۇرۇپپا بولسا 60 ياشتىن يۇقىرىلار ئىكەن.
ۋاشىنگتوندىكى Georgetown ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ ئوقوتقۇچىسى Michael Nelson، دەسلەپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان Facebook نىڭ بۈگۈن مىليونلىغان مۇشتىرىغا ئىگە بولۇشى، Facebook نىڭ غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Facebook تا يەنە، ئاخىرقى 15 ئايدا ھەر سىكۇنتتا سەككىز كىشىنىڭ يېڭى ھېساب نومۇرى ئاچقۇزۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مانا مۇشۇنداق دۇنيادا مەشھۇر ئاممىۋى ئالاقە تور بېكىتى ھېسابلانغان facebook تور بېكىتى خىتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان.
خىتاينىڭ facebook نى چەكلەشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەن، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇردى غوجا ئەپەندى خىتاينىڭ پۈتۈن ئىنسانلار قىزىقىۋاتقان بۇنداق بىر تور بېكىتىدە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ، بولۇپمۇ سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى.
Facebook نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىدىغانلىقى قىياس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۈر تور بېكىتىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوينايدىغان رولىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدىكەن، 2008 - يىلى ئامېرىكا پرىزىدېنتى باراك ئوباما، پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا facebook نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەن.
ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ سىياسىي ۋەقەلەردىن، facebook ئارقىلىق خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۇردى غوجا ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا facebook نى قوللىنالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ facebook ھېساب نومۇرى ئېچىپ، ئۇنى يالغۇز شەخسى ئىش - پائالىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالە، رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.