فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۈلتۈر كۈرىكىگە فىنلاندىيە دىپلوماتىيە مېنىستىرلىكى، ياۋروپا بىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 450 سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتناشتى. سەيدى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىمۇ بۇ قېتىملىق دۇنيا كۈلتۈر كۈرىكىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشپ، پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان نۇرغۇنلىغان فىنلاندىيە خەلقىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان.

ئۇندىن باشقا يەنە 2009-يىلى 5-ئىيۇندىكى ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدا قەتلى قىلىنغان ئۇيغۇر شېھىتلىرىنىڭ رەسىملىرىمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلدى. كۆرگەزمىگە كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ كۆرگەزمە تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن بولۇپ، تىبەتلەرنى ياخشى تونۇسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يوق دېيەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولغان فىنلاندىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەيدى ئوبۇلقاسىم ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.