0:00 / 0:00
فىنلاندىيە ۋە لوندوندىكى ئۇيغۇرلار 10 - ئىيۇل كۈنى، فىنلاندىيىنىڭ خېلسىنكى شەھىرى بىلەن لوندوندىمۇ ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇر، ئازارى ۋە تۈركلەر قاتناشقان. لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرى دېرىزىدىن قوللىرىنى چىقىرىپ نامايىشچى ئاياللارغا سەت قىلىقلارنى قىلغان. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.