فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى

فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار 2-ئاينىڭ 2-كۈنى خېلسىنكىدە يىغىن چاقىرىپ فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى، فىنلاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تاتار، تۈرك، ئەزەربەيجان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

teshkilat-yighini-385.JPG
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىلات يىغىنى. 2011-يىلى 2-يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

دېموكراتىيىلىك سايلام نەتىجىسىدە فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تاھىر ھاجىم، قانۇن مەسلىھەتچىلىكىگە ئارسلان تاشقىن، رەئىسلىككە ئوبۇلقاسىم ئابدۇلھېكىم، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇھاپىز مەمەت ئابدۇللا، باش كاتىپلىققا ھېيتاخۇن مەمەتېمىن، مالىيە مۇدىرلىقىغا ئابدۇراخمان ئەپەندى سايلانغان.