ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

فرانك ۋولف خۇلاسىسىدا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ۋە كۈندىن ‏- كۈنگە ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار تەكلىپ سۇنغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلەردىن بىرىدۇر. ئۇ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا، بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قېتىلىش قارارىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: ئەسلىدە ئامېرىكا دۇنيادا ئاۋازى بوغۇلغانلار ئۈچۈن ئاۋاز، كۆزى تېڭىلغانلار ئۈچۈن كۆز بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتى، ئامېرىكىنى زوراۋان ھۆكۈمەت بىلەن بىر مەيداندا كۆرسىتىپ قويدى. جورج بۇش ئۆزىنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىنى، خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرقلەندۈرۈش؛ تەتۈر قاراپ مەسىلىنى ئۇنۇتقاندىن يۈز تۇرانە سۆزلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇش بۇ ئىزاھاتىنى ياپونىيىدە ئېچىلغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يىغىنىدا بايان قىلغان ئىدى.

فرانك ۋولف ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشتۇر. يېقىنغا قەدەر، جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن، فرانك ۋولف، ئەمدىلىكتە يەنە بىر يېڭى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپىدە، جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتى داۋامىدا، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رېگاننى ئۈلگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. رېگان 1988 ‏-يىلى موسكۋا ئولىمپىكىنى زىيارەت قىلغاندا، تارىخىي بىر نۇتۇق سۆزلىگەن، نۇتىقىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئېغىر تەنقىد قىلىنغان. رېگان زىيارىتى داۋامىدا سوۋېتتىكى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ كۈرىشىگە ئاشكارا ئىلھام بەرگەن ئىدى. رېگاننىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن سەۋەبلەردىن بىرى دەپ قارالغان ئىدى. فرانك ۋولف تەكلىپىدە جورج بۇشنىڭ رېگانغا ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىشىنى، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەردە ئەمەس، خەلققە ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ تەكلىپىدە، بۇشنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك دەپ ئەسكەرتكەن.

فرانك ۋولف خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى خۇلاسىسىدا، خىتايدىكى چېغىدا پەقەت بىر قانچە خرىستىئان مۇرىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ تۈرلۈك توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى؛ ئۆزلىرىنىڭ ۋە سۆھبەتداشلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك جاسۇسلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق نازارەت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتاي بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، خىتايغا غەرب ماللىرى بىلەن بىللە، غەرب مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ، جۈملىدىن قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدى. فرانك ۋولف دوكلاتىدا بۇ ھېسابنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ھېساب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ : " خىتاي شۇنچە كۆپ غەرب ماللىرىنى ئىمپورت قىلغانۇ، ئەمما غەرب مەدەنىيىتىدىن ئازراقمۇ قوبۇل قىلمىغان" دەپ يازىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دەيدۇ: " خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى بۈگۈن، تۈنۈگۈنكىدىن، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن، بۇ 10 يىل ئالدىنقى 10 يىلدىكىدىن ناچار ھالەتتە.

ئالدىنقى ئايلاردا چەتئەللەردە داۋام قىلغان خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى، چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوزغىغان ھەرىكەت دەپ قارالماقتا ئىدى. فرانك ۋولف بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ئەمەلىي پاكىتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى ئايدا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن فالۇنگوڭچىلارنىڭ نامايىشى، خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ھۇجۇمدا خىتاينىڭ نيۇيورك ئەلچىسىنىڭ پەردە ئارقىدىن يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ھەققىدە پاكىت قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فرانك، بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش ھەققىدە ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Robert Mueller گە شەخسىي نامىدىن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانك ۋولف ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغان چېغىدا، خىتايغا 734 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ قويىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ تىزىملىكتە، 1991 ‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىغى بار دەپ قارىلىنىپ جازالانغان كېرەم ئابدۇۋەلى ۋە باشقا جىنايەتلەر بىلەن قارىلانغان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىمۇ بار. فرانك بۇ قېتىمقى زىيارەت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى سىياسىي ئۆكتىچىلىكى سەۋەبلىك ئۇزۇندىن بېرى ناھەق جازالاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەنگەن.