فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ھەر يىلى 10 ‏- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى بۈگۈن رەسمىي باشلانغان. يەرمەنكىگە 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 6900 ئەتراپىدا كىتاب سودىگىرى ۋە نەشرىيات خادىملىرى ئىشتراك قىلغان.

0:00 / 0:00

يەرمەنكىدە كىتاب-ژۇرنال ۋە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا، بىر قانچە چوڭ زالدا پىكىر ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكى تىمىسىدا بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مۇنازىرە تىمىلىرىدىن بىرىگە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قەلەم مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. قەيسەر ئابدۇرۇسۇل سۆز نۆۋىتىدە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ تىپىك مىسالى قىلىپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.