18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىغا بېسىم پەيدا قىلدى

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنى تەشۋىق قىلغان بىردىن ‏- بىر ئاخبارات قانىلى بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ھاقارەتلىك ھۇجۇملارنى قىلدى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 18-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭدا ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن كۆپ ئادەملەر ئۆلدى» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە خىتاي تەشۋىقات قورالى بىلەن د ئۇ ق باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىدە زور پەرق بارلىقىنى، 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنىڭ 2008-يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ زور ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى يازغان ۋە 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سۈرەتنى ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمېي خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدە 19-ئىيۇل كۈنى دەرھال نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىغا رەددىيە بەرگەن.

germaniye-namayish-xoten-weqesi2-385.jpg
18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈشلەر. 2011-يىلى 26-ئىيۇل. (RFA/Ekrem)

خىتاي ئاخباراتىدا، خوتەندىكى زوراۋان كۈچلەرنىڭ 18-ئىيۇل كۈنى ئىلگىرى-كېيىن 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 6 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۆلگۈنچىلىك بايرىقىنى ناۋاغ ساقچىخانىسىغا قادىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، قانداقتۇر د ئۇ ق باياناتچىسى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ۋەقەنىڭ ئالدىدا تىنچ نامايىش بولمىغانلىقى بايان قىلىنغان ھەمدە فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاساس قىلىپ خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ياردەم بەرگەنلىكى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتنى ئىشلىتىپ، دۇنيا جامائىتىنى قايمۇقتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرگەن بۇ رەسمىي نارازىلىقى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئەسەبىيلەرچە ھاقارەتلىرى تۈپەيلى بېسىمغا دۇچ كەلگەن فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 20-ئىيۇل كۈنى ئىزاھات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۈگۈنگىچە فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى تور بېتىدە باش تېما سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىزاھاتتا ئۈچ تۈرلۈك چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەۋەر مەزمۇنى ئۈستىدە رەسمىي ئەپۇ سوراش تەلەپپۇزى ئەكس ئەتمىگەن. ئەمما ئەينى چاغدا خەۋەر ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۈرەتكە ئىزاھات بەرمەي، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتنى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەردە ئېلان قىلغانلىقىدىن ئەپۇ سورىغان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈپ پەرقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە د ئۇ ق نىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە دۇنيانى ئەڭ توغرا مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋە پۇقرالىرى نەزىرىدە فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ چوڭ خاتالىقى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ بىرى؛ خىتاينىڭ ئاخباراتىنى ئاساس قىلماي، د ئۇ ق باياناتچىسىنىڭ ساختا ئاخباراتىنى ئاساس قىلغانلىق، ئىككىنچىسى؛ خاتا رەسىم ئىشلەتكەنلىك.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق سادالىرىمۇ فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى تور بەتلىرىنى قاپلىغان. بەزى خىتايلار ئەينەن ھالدا «جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان پۈتۈن خەلق ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنى يامان كۆرىدۇ» دېسە، يەنە بەزى خىتايلار «سىلەر غەرب ئاخباراتلىرى باشتىن-ئاخىرى ئۇيغۇر تېررورچىلىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ، يان بېسىپ كەلدىڭلار، 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن نېمە پەرقى؟» دېگەن. يەنە بەزىلىرى «بىز ئەلۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ياخشى كۆرمەيمىز، لېكىن ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىمۇ ياخشى كۆرمەيمىز، جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە قارشى ئۇيغۇرلارغا بىزمۇ قارشى» دېگەن. يەنە بەزىلىرى بولسا فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھاقارەتلەرنى قىلغان. ئىنكاس يېزىۋاتقانلار ئارىسىدىكى بەزى خىتايلار، بۇ ئىنكاسلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەش موچەنلىك يازغۇچىلار» نىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىرەن قىلماسلىقنى، خىتاي ئاخباراتىغا ئىشەنمەسلىكنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.