فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت (1)

دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز تەلەيسىز قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، ماقالىلەر، كىتابلار ھەممىسى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ، تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغان بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقنى بايقىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭماقتا. يېقىندا فرانسىيىدە ئىشلەنگەن "ئاتا" ناملىق فىلىممۇ مانا بۇلارنىڭ بىرى.

فرانسىيىدە ياشايدىغان تۈرك سەنئەتچىسى چاغلا زەنجىرجى خانىم ئىشلىگەن بۇ فىلىم فرانسىيىدىكى تۈرلۈك فېسىتىۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاغلار زەنجىرجى خانىم مەقسىتىگە ئۇلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا چاغلا خانىم بىلەن مانا بۇ "ئاتا" فىلىمى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەگەر سىزمۇ بۇ فىلىمگە قىزىقسىڭىز، چاغلا خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىز.

چاغلا خانىم، " مەن جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە سىزنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھۆججەتلىك فىلىمىڭىز ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئالدى بىلەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟ " دېگەن سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "مەن فرانسىيىدە بۇندىن 5 يىل ئاۋۋال ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ پارىژغا كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتۇق. چۈنكى ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە قىزىقارلىق ئادەم. شۇنىڭ بىلەن بىز كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك ئېلىپ تۇرۇپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئويلاشتۇق، ئەمما كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇلىشىشى ئۈچۈن بىر ھېكايە فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق."

سوئال : رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ھېكايە فىلىمىڭىزدە نېمە بايان قىلىنىدۇ؟

ھېكايە ئەسلىدە تۈركىيىدىن پارىژغا كەلگەن بىر تۈرك قىزىنىڭ ھېكايسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ قىز بۇرۇن ئۆزى تونۇشقان بىرىسگە ئەگىشىپ پارىژغا كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ يەردە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى دېرىزىسىنىڭ ئالدىدىكى يەردە بولۇۋاتقان قۇرۇلۇشقا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىدا قۇرۇلۇشتىكى بىر كىشىنىڭ گەرچە چىراي شەكلى ئۆزىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدەك تۈرك تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىگە 5 يىل بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فىلىمدە يات بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشاش، يات بىر دۆلەتتە ھايات مۇجادىلىسى بېرىش، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار بىر - بىرىنى تونۇمىسىمۇ، ئۇلارنى ئوخشاش بىر تىل يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ بىر - بىرىگە قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىنى تونۇشقانسېرى ھېس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ فرانسىيىگە كېلىش سەۋەبلىرى، ھاياتى بىر - بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىشى ئۇلارنى بارا - بارا دادا بىلەن قىزىغا ئوخشاش يېقىنلاشتۇرىدۇ.

چاغلا خانىم، سىز بۇ فىلىم ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا نېمە دېمەكچىسىز ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۇ مۇنداق دېدى: "مەن 5 يىل بۇرۇن فرانسىيىگە كەلگىنىمدە فرانسۇزچە بىلگىنىمگە ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىن فرانسۇزلارغا ئوخشىغانلىقىمغا قارىماي، بۇ يەرگە كۆنەلمەي جاپا تارتقان ئىدىم. ئەھەتجان ئەپەندىم بولسا فرانسۇزچىنى ياخشى بىلمەيتتى، كۆرۈنۈش جەھەتتىنمۇ فرانسۇزلاردىن پەرقلىق ئىدى، يەنى بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۆز دۆلىتىڭىزدە بولمىسىڭىز قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆنۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىسىز. مەن بۇنى دېمەكچى. فىلىمدىكى قىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى بار، ئەھەت ئەپەندىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سىياسىي ۋە شەخسىي مەسىلىلىرى بار. لېكىن مەن بۇلارنى فىلىمدە بەك ئالدىغا چىقىرىۋەتمەي بەلكى ئۇلارنى فىلىمنىڭ بىر زىننىتى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتتىم. مەيلى سىز قايسى مەدەنىيەتتىن كەلگەن بولۇڭ، يات بىر دۆلەتكە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇ يەرگە كۆنۈۋالغۇچە جاپا تارتىسىز، ھەممىمىز شۇنداق. مەن كىنودا فرانسىيىدە چەتئەللىك بولۇش قانداق بىر تۇيغۇ، قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇنى قانداق قىلغاندا يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەننى ئاساس قىلدىم."