مەزكۇر پائالىيەتنى ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان "ۋاپا چوڭ چىراغ" ۋە "ھېچكىم يوقمۇ؟" دەپ ئاتالغان تۈرك جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتناشقان.
بىر چوڭ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىتاب - ژۇرناللار، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئائىت بۇيۇملار قويۇلغان.
پائالىيەت ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، فارېبەرۋىللەر شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى لائۇرېنت كلەينخەنتز بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە مۇنبەرگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ، نۇتقىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئۆز شەھرىنىڭ بۇنداق بىر پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلات مەسۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فرانسىيىدە تۇنجى قېتىم بىر شەھەر باشلىقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ۋە ئۆزى ياردەم قىلغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان بىر پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ پائالىيەت ھەققىدە فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئەكبەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.