بۇ قېتىمقى نامايىشقا فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ،خىتاي، ۋيېتنام ،بېرما دېموكىراتچىلىرى ۋە تىبەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگىنى شۇنداقلا فرانسىيە دېموكراتچىلار پارتىيىسى ، سوتسىئال پارتىيىسىدىكىلەر ،لائۇس،كامبودژالىق دېموكراتچىلار ۋە باشقا فرانسۇزلارمۇ قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىش 89 - يىللىق تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەزكۇر نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى،ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىنتايىن ئېغىر بېسىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئۆز نۇتۇقلىرى ئارقىلىق فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقانلارغا ئىپادىلىدى.
نامايىش جەريانىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ فرانسۇزچە نۇتۇق سۆزلەپ خىتايلارنىڭ ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپتىكىلەرگە چۈشەندۈردى.
فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى نۇرگۇل ۋە فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كېرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئەھۋاللاردىن چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىشتى.
مەزكۇر نامايىشقا فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە باشلانغان نامايىش كەچ سائەت 7 دە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.