فرانسىيىدە خىتايغا قارشى 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

4 ‏- نويابىر كۈنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ فرانسىيىگە قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فرانسىيىدە 1000 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىش فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەت قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ئىشتىراكىدا ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

نامايىشقا فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە خادىمى مەمەت توختى ئەپەندىلەر قاتناشقاندىن سىرت يەنە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزدە نامايىش ھەققىدىكى ئۆز تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نامايىش توغرىسىدا نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.