ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى

15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا - ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەن 20 دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.

0:00 / 0:00

كرىزىس مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى ئېلان قىلىنمىدى

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتنى كۈچەيتىش، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

20 دۆلەت يىغىنى ھەققىدە نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا، خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىپ كەتكەن پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىش ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويغان ئورتاق نىشان بولۇپ قالغان.

شەنبە كۈنى باشلانغان مەزكۇر يىغىن يەكشەنبە كۈنى يېپىلغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 20 سانائەتلەشكەن ھەم تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلانغان. يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، "20 دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىپ، نازارەتنى كۈچەيتىش بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق كرىزىسنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىق" نى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەم كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارىلىرىنى ئېلان قىلمىغان.

بۇ يىغىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئاساس سالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كرىزىسنى ھەل قىلىشقا بولغان قىزىقىشى ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا كۆز قاراشلىرى ۋە مەيدانى مەۋجۇت. يىغىنغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. لېكىن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى بېكىتىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى بۇرۇنلا پەرەز قىلىنغان بولۇپ، بوستوندىكى بىر مالىيە ئانالىز ئورنىدا ئىشلەيدىغان مالىيە مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى، ئىقتىسادشۇناس پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، 20 سانائەت دۆلىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان يىغىننىڭ گەرچە كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسىتەلمىسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن ئاساس سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كرىزىسنى ھەل قىلىشتا يەنىلا ئامېرىكا مۇھىم رول ئوينايدۇ

20 دۆلەت يىغىنى جەريانىدا، پرېزىدېنت بۇش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋمۇ ئايرىم سۆھبەتتە بولغان. خۇ جىنتاۋ يىغىن جەريانىدا كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، نازارەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل - مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىسلاھات قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆپلىگەن مۇلاھىزىچىلەر خىتاينىڭ دۇنيا مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پەرھات بىلگىن ئەپەندى بولسا، باشقىچىرەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئوز ئالدىغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىشتا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ھازىر خەلقئارا مىقيادا ئىقتىساد چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ياپونىيىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىر قىسىم بانكىلار ۋەيران بولدى ھەمدە ئادەملىرىنى قىسقارتتى. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى "كىتى بانكىسى" 50 مىڭ ئادەم قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەرھات ئەپەندى بۇ خىل دۇنياۋى كرىزىس ھەممە دۆلەتكە تەسىر قىلغانلىقى، ئەلۋەتتە خىتاينىڭمۇ بۇ تەسىردىن ساق قېلىشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ 1929 - 1933 - يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن دۇنياۋى كرىزىستىن قېلىشمايدىغان بىر چوڭ كۆلەملىك بۆھران بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئىشىنىدۇ

20 دۆلەت يىغىنى كېلەر يىلى 4 - ئايدا يەنە بىر قېتىم ئېچىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ، ھازىرچە مەزكۇر بىرلىكنىڭ سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئورنىنى ئالمايدىغانلىقى، سەككىز سانائەت دۆلىتىنىڭ يەنىلا بىرلىكتە ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىن ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزارا ئايرىم ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىنىمۇ ياراتقان بولۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئايرىم سۆھبەتلەشكەن.

رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، مېدۋېدېۋ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوغۇقلىشىپ قالغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوباما دەۋرىدە ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.