سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت نەزىرىدىكى خىتاي
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.06.25
2010.06.25
AFP Photo
بۇ ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە G20 نىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى كۈچلۈك ئەزاسى خىتاينىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ بىر ئەزاسىغا مۇناسىپ ھالدا دۇنيا مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىمايۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يېقىندا كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىدە، ئاپتور مارك ماككىننوننىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان "خىتاي G20 دىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئاپتور، "بىز سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلىرىدىن، سىلەر خىتايدىن نېمىلەرنى كۈتىسىلەر دېگەن سوئالنى سورىغاندىن كۆرە،سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ ئەڭ تېز يۈكسىلىۋاتقان قۇدرەتلىك كۈچى خىتاي، 20G دىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ دەپ سورىغىنىمىز ياخشىراق، چۈنكى خىتاي G20 گە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيادىن بىر نەرسىلەر ئېلىش ئۈچۈن قاتنىشىۋاتىدۇ دەپ يازغان. ئاپتور يەنە ماقالىسىدە خىتاينىڭ كۈتىدىغىنى دۇنيا مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىش ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ دۇنيا فوندىدىن كۆپرەك ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش، قانداق قىلغاندا دۇنيانى ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇلىنىڭ تاشقى پېرېۋوت قىممىتىنى بىر نۇقتىدا ساقلاپ قېلىش، خىتاي G20 نىڭ ھەر دائىم ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان بىر ئەزاسى" دەپ يازغان.
بۇ قېتىم كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 26 - 27 - ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرى ئىچىدە خىتاينى راھەتسىز قىلىدىغان بىر كۈنتەرتىپ بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تاشقى پرىۋوتتىكى قىممىتىنى مۇنازىرە قىلىش ۋە بۇ ھەقتە بىر ئۈنۈملۈك بولغان ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىنىڭ سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئارقىلىق، خەلقارا كۈنتەرتىپكە كىلىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان ئىدى ۋە ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىنىڭ سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا مۇنازىرە قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان توغرا جاي ئەمەس" دەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈي تيەنكەي، خىتاي بانكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تاۋ قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت بەلگىلىمىلىرىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ توسالغۇلۇق قىلماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى خەلقئارا جامائەت مۇنازىرە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى G20 ئۇچرىشىشىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك، 20G خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مۇنازىرە قىلىنىدىغان توغرا جاي ئەمەس، بۇ مەسىلىنى بېيجىڭ ئۆزى ھەل قىلىدۇ" دەپ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل قاتتىق تەلەپپۇزىدىكى باياناتلىرىغا قارىتا ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئوتتاۋا تەرەپمۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ نارازىلىقلىرىغا قارىماي G20 ئۆز كۈنتەرتىپىدە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىنى داۋاملىق مۇنازىرە قىلىشنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئىستراتېگىيسىنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئەرباپلارمۇ، G20 خىتاينىڭ يۈەن مەسىلىسىدىكى قېلىپلىشىپ كەتكەن مەيدانىنى ئۆزگەرتىشتىكى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىغان.
ئەمما، يەكشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بىر ئاز يۇمشاپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدە ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۆز پوزىتسىيىسىنى تېز ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى دىققەتكە ئالماقتا.
كانادا باش مىنىستىرى ستەفېن خارپېر ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ، خىتاينىڭ بۇ ئىجابىي يېقىنلىشىشىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا تېگىشىش قىممىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نېمە ئۈچۈن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شۇنچە تېز ئۆزگەرتتى ۋە شۇنچە قاتتىق پوزىتسىيىسىدىن بىردىنلا ئېرىپ كەتتى؟
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ خەلقئارا بازارلاردىكى ئەڭ مۇھىم رىقابەت ئۈستۈنلۈكى ھېسابلانغان ئەرزان ئەمگەك كۈچى كوزورىدىن ئايرىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئۈستۈنلۈكىگە قارشى، خىتايدا ۋە خىتايدىن باشقا 20 دۆلەتتىكى خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى، ئاسىيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى زور كۈچ ھېسابلانغان خىتاينى، رىقابەت كۈچىنى يوقىتىشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى خوندا ۋە تويوتا شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار ئەسلىدىكى 170 دوللار ئايلىق ئىش ھەققىنى 250 دوللارغا ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھالقىپ چەتئەلدىكى 20 دۆلەتتىكى خىتاي شىركەتلىرىگە قەدەر كېڭەيگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي بەزى ئۆلكىلەردىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
ئامېرىكا 2 يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ يۈەننىڭ تاشقى پرىۋوتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋتقانلىقىغا ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىقنىڭ سەۋەبىنىمۇ شۇنىڭدىن كۆرۈپ كەلگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.