سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئورنىنى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلار

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان مالىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، دۇنيادا ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك تېزلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بازارلارنى ئېچىۋىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتكە كېلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.18
G20-dunya-ixtisad-305.jpg 16 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ، 20 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo

بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئىقتىسادىدا سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئەمەس، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى سىياسەت بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان 8 سانائەت دۆلىتى دۇنيا ئىقتىسادىدا سىياسەت بەلگىلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ئىدى. ھازىر بۇنىڭغا ئىقتىسادىي تېز تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ئارگېنتىنا، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىدا سىياسەت بەلگىلەش رولىنى ئوينايدىغان بولدى.

بۇنداق ئۆزگىرىشتىن كېيىن، يەنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا تۇتقان ئورنى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن؟ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىلقى سايلامدا يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما كېلەر يىلى 1 ‏ - ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ دېگەن مەسىلە، ھازىر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر تەھلىل قىلىۋاتقان بىر مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

باراك ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئىقتىسادىي سۈركىلىشلەر جىددىي بولىدۇ

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ سانفرانسېسكودىن خەۋەر قىلىشىچە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىق مەركىزىنىڭ باشلىقى گو سۇجيەن 'باراك ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا نېكسون، كارتېرلارنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي سۈركىلىشلەر جىددىي بولىدۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىش جەھەتتە بۇ ئىككى دۆلەت يەنىلا ھەمكارلىشىدۇ' دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا خىتاينىڭ غەرب دەرۋازىسىدا ھەربىي ئاخبارات مەركىزى قۇردى

'دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا سەھنىسىگە چىققان ۋە ئامېرىكىدا يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوباما كېلەر يىلى 1 ‏ - ئايدا تەختكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ۋەزىيەتتە، كوممۇنىست خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ دېڭىز كۈچلىرى ياپون دېڭىزىدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

بۇ چاغدا ئامېرىكا قوشۇنلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن قەندىھار ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن قارشىلىقلارنى ئالدىن سېزىدىغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى رازۋىتكا ئايرۇپىلانىدىن 10 نى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا خىتاينىڭ غەربىي دەرۋازىسىدا قۇرغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ئاخبارات مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي پائالىيەتلەرنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

'ئاسىيا - تىنچ ئوكيان گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان بىر قاتار ھەربىي پائالىيەتلەرنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1979‏ - يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇنى ھەر خىل ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا تۈزۈلگەن كېلىشىم بۇيىچە بولۇۋاتقان ئالاقە. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ.

خىتايلار ئامېرىكىنىڭ ئىلغار راكىتا تېخنىكىسىنى ساتقان دېلولا ئەمەس، خىتايلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھىمۇ پاش قىلىندى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرقىدەك دۇنيا ئىقتىسادىدا چۈشكۈنلۈك پەيدا بولۇۋاتقان ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادا تۇتقان ئىقتىسادىي ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى 2003 ‏ - يىلىدىن 2007 ‏ - يىلىغىچە، خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ئىلغار راكىتا تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرگەن خىتاي فىزىكا ئالىمى شۇ چۇەنشېڭ دېلوسىنى پاش قىلدى.

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ يېقىندا سانفرانسېسكو، سەكرىمانتو، دەنۋېر شەھەرلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ناھايىتى چوڭ بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ 54 ئادىمىنى قولغا ئالدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بىرلىشىپ غەلىبە قازىنىش'، 'ئاسىيا نۇرى' دەپ ئاتالغان خىتاي تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر چوڭ گۇرۇھ بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئامېرىكىدا ئاشخانا ئېچىش شەكلى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ مۇز، كەندىر، باش لىڭشىتقۇ دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك سېتىپ كەلگەن. يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى ھازىر بۇ تۇتۇلغان جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.