0:00 / 0:00
مەزكۈر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ 5 نەپەر ئادۋوكاتى قاتناشقاندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسپات بېرىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.