بېشكەكتە گېنېرال ئىسھاقبېك تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىسھاقبېك مونونوف، 1949‏-يىلى ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئاساسەن يوق.

0:00 / 0:00

1940‏-يىللىرى غۇلجىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىسھاقبېك، ئايروپىلان قازاسىدا قۇربان بولغان رەھبەرلەر ئىچىدىكى ياش قۇرام جەھەتتىن ئەڭ چوڭ.

قىرغىزلار سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە، ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.