مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئەتىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق پىلان بارلىقىنى رەت قىلدى.
گەنسۇنىڭ جۇۋچۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن لاتقا ئېقىش ۋەقەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەش توغرىسىدىكى خەۋەر، ئالدى بىلەن گەنسۇنىڭ گەننان ئاپتونوم ئوبلاستى ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ "خەلق تورى" كۆچۈرۈپ باسقاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
بۇ خەۋەر غۇلغۇلا قوزغاپ ئەتىسى يەنى سەيشەنبە كۈنى، گەنسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۇڭگو رادىئو ئىستانسىسى تورى ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە جۇۋچۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە "شىنجاڭ"غا كۆچمەن يۆتكەشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇۋچۇدىكى كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى ناھايىتى نازۇك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، گەنسۇ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ياڭ لىيۇ ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رايىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىنئالا تارقاتقان ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىدا يەنە تۆۋەندىكى ئېھتىماللىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسمىدا بۇ مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا گەنسۇ تەرەپ بۇ خەۋەرنى ئالدىراپ ئېلان قىلىۋەتكەن. لېكىن مېنىڭچە بۇنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى بۇ ناھايىتى نازۇك مەسىلە ... جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ئىشەنمەي كەلدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىچكىرىدىكى خەنزۇلارنى شىنجاڭغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، بىر كۈچ بولۇپ شەكىللىنىشىنى ئالغا سۈرۈش. بۇنىڭ يەنە بىر ئېھتىماللىقى بار. ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ باققان بولۇشىمۇ مۇمكىن."
گەنسۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاي بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتنى باھانە قىلىپ، ئاھالە كۆچۆرۆشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، كۆچمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئىلى ئېكولوگىيىسىنى ۋەيران قىلىپ، مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گەنسۇنىڭ جۇۋچۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن لاتقا ئېقىش ۋەقەسىدە جۇۋجۇ خەلقى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىدى. ئاپەت يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى جۇۋچۇدىكى ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلغان.
"خەلقى تورى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ جەرياندا گەنسۇ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بېيجىڭغا تەلەپ قويۇپ، گەنسۇدىن "شىنجاڭ"غا كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى، جۇۋچۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنى "شىنجاڭ"غا كۆچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، گەنسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەت رايونىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى لايىھىلىگەندە شەھەرنىڭ تەرەققىيات سىغىمىنى ئويلىشىش كېرەكلىكى شۇنداقلا بىر قىسىم نوپۇسنى كۆچۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ يەرلىك نوپۇسىنىڭ سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش چەكلەنگەن. ياڭ لىيۇ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئۆز قانۇنىغا ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىتاينىڭ بىر پارتىيە دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەتلىك خاراكتېرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، "جۇڭگو قانۇن تۈزۈم دۆلىتى ئەمەس. جۇڭگو پارتىيە تۈزۈمىدىكى بىر پارتىيە دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىققا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلماسلىققا ھوقۇقلۇق، دەپ قارايدۇ. ئۆزىنىڭ قانۇنىدا شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرۈش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ھازىر شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى... جۇڭگو تارىختىن بېرى خەنزۇلار مەركەزىيەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ئەسلى قانۇن بويىچە كۆچمەن قوبۇل قىلىش -قوبۇل قىلماسلىقنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزى بېكىتىشى كېرەك ئىدى" دەپ كۆرسەتتى.
گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "شىنجاڭ"غا ئادەم كۆچۈرۈش پىلانى بارلىقىنى رەت قىلىپلا قالماي، شۇ كۈنى يەنە گەننان ئاپتونوم ئوبلاستى ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى "ئادەم كۆچۈرۈش"كە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى تور بېتىدىن ئېلىۋەتكەن.
لېكىن، بۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى خاتىرجەمسىزلىكىنى تۈگىتەلمىگەن. دىلشات رىشىت خىتاينىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە يەرلىك دائىرىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كۆچمەن يۆتكەشنى يەرلىكنىڭ قولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسى خىتايدا ئەڭ تىز كۆپىيىۋاتقان رايوندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى 60 يىلدا رايوندىكى 300 مىڭغا يەتمەيدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ ھازىرقى 10 مىليوندىن ئاشقانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
ياڭ لىيۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىغا مەجبۇرىي كۆچمەن يۆتكەشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ئۇيغۇرلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىش ... بولمىسا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدەك توقۇنۇشلارنى يەنە يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ" دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.