ئىناقلىقنىڭ دۈشمىنى - گەپ توشۇش

سۆزلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان تىل ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى، كىشىلىك ھاياتتا ئىنسانلارغا بەخت، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەخلاقلار تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنسە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن يامان، سەلبىي ئىللەتلەرمۇ يەنە شۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

تىل قەلبتىن ئىبارەت بىر دېڭىزنىڭ قىرغىقى بولۇپ، دېڭىزدا نېمە بولسا قىرغاققا شۇ چىقىدۇ. تىل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ۋە تەربىيىلىنىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان جەمئىيەت ھادىسىلىرى شۇ دەۋرنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

سىراجىددىن ئەزىزىي تىلنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: " ئىنسان قىيامەت كۈنىدە قۇلاق، كۆز دىل قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرى ئۈستىدە سوئال - سوراق قىلىنغىنىدەك، تىل ئۈستىدىمۇ سوئال - سوراق قىلىنىدۇ. ئۇنى قانداق سۆزلەرگە ئىشلەتتى؟ ئىنسانلارغا ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ياكى گەپ توشۇشتەك ئىنسانلارغا زىيانلىق سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ئۇنى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ياخشى يولغا ئىشلەتتىمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئىشلەتتىمۇ؟ بۇنىڭ ئۈستىدە چوقۇم سوئال - سوراق قىلىنىدۇ. ئىنسان قىلغان سۆزىدىن تېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:" ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، سۆزلىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ." ئىنسانلار كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بەختلىك، ئىناق، تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ھەممە نەرسىنىڭ بىر كۈشەندىسى بولغىنىدەك، گەپ توشۇش بۇنداق ئارزۇلارنىڭ بىردىنبىر كۈشەندىسىدۇر."

گەپ توشۇشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى

سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، گەپ توشۇش بەزىدە قىلمىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى دەپ كىشىلەرگە قارا چاپلاش ئارقىلىق تۆھمەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ئەمما سۇخەنچى(گەپ توشۇغۇچى) ھېچ ئىش قىلمىغان بولۇۋېلىپ، كىرپىكىدە تۈگۈلىۋالسىمۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.

گەپ توشۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزۈدىغان ئېغىر - زىيان زەخمەتلىرى ھەققىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا، گەپ توشۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خورلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ، ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر - بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەتتا گەپ توشۇش سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ.

گەپ توشۇغۇچىنىڭ سۆزىنى ئېنىقلىماستىن ئىشىنىپ كەتمەسلىك لازىم

سىراجىددىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئان كەرىمدە: "ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

داڭلىق ئالىم ھەسەن بەسرىنىڭ يېنىغا بىر ئادەم گەپ توشۇپ كېلىپ، پالانىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سىزنىڭ ھەققىڭىزدە ئۇنداق - مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى، دەپتۇ.

- قاچان شۇنداق بولدى؟ دەپ سوراپتۇ ھەسەن بەسرى.

- بۈگۈن.

- سەن ئابدۇراھماننى قەيەردە كۆردۈڭ؟

- ئۆيىدە كۆردۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى ئادەم ئەجەبلىنىپ.

- سەن ئابدۇراھماننىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟

- مېھمان بولۇپ بارغانىدىم.

- سەن ئۇنىڭ ئۆيىدە نېمىلەرنى يېدىڭ؟ - دەپ ئىنچىكىلەپ سورىغاندا، ھېلىقى ئادەم ئابدۇراھماننىڭ ئۆيىدە سەككىز خىل تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، ئاندىن ھەسەن بەسرى:

- سېنىڭ قۇرسىقىڭغا سەككىز خىل تاماق سىغىپتۇ - يۇ، ئەجەبا بىر گەپ سىغمىدىمۇ؟ مەن ئابدۇراھماننى دۈشمەن تۇتمايمەن. چۈنكى ئەسلىدە مېنىڭ ھەققىمدە يامان گەپ قىلغان ئادەم ئابدۇراخمان ئەمەس، بەلكى سەن، قوپ مېنىڭ يېنىمدىن ھۇ - پاسىق! - دەپتۇ.

بۇ قىسسە گەپ توشۇغۇچىنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر كىم ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى ۋە ئېنىقلىماستىن بىراۋنى رەنجىتىپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىبرەت بولۇشقا ئەرزىيدۇ.