غەرب مەتبۇئاتلىرى «خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى بولامدۇ؟»

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ھاكىمىيەتكە قارشى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت‏-ئېتىبارىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قاراتتى.

0:00 / 0:00

خىتايدا ئوتتۇرا شەرقتىكىدەك كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ھەرىكەتلەر بولامدۇ؟ مانا بۇ نۆۋەتتە، رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە چەتئەللەردە چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

چەتئەللەردىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىردەك، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدە ياسىمەن ئىنقىلابى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ چىققان كىشىلەرگە قارىغاندا ساقچىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن قوپال ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئىنتېرنېت ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرغان بولۇپ، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەممىلا يەرگە يامراپ كەتكەن. ئۇنداقتا، مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى چاقىرىقى ئىشقا ئاشامدۇ؟

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭغا ئۈمىدسىز قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكىلەرمۇ يوق ئەمەس.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق شامىلى تەسىرىدىكى ھەرىكەتلەرنى، ئۇ بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا يوق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. خەۋەردە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى دىكتاتورلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنى توختاتقانلىقىنى، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيىلەردە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، خىتايدا خەلقنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى خەۋىرىدە، خىتايدا ياسىمەن ھەرىكىتىگە كۆپ كىشىنىڭ ئاۋاز قوشمايۋاتقانلىقىدەك بىر نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. گېزىتتە شاڭخەيدە نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن چىققان ساۋ فامىلىلىك كىشىنىڭ سۆزى مىسال قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىشى مۇخبىرغا «ھازىرقىسى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانغا تەڭ. پەقەت مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان، مىليونلىغان تۇخۇم بىرلىكتە تاشقا ئۇرۇلسا، ئاندىن تاشنى بىر نېمە قىلغىلى بولىدۇ، چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بەك كۈچلۈك» دېگەن.

«يەر شارى مەكتۇپلىرى» گېزىتى بولسا، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە تۈرلۈك پىكىرلەرگە يەر بەرگەن. «خىتايدا قوزغىلاڭ بولامدۇ؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر خىل كۆز قاراش بولسا، خىتايدا يېقىن كەلگۈسىدە بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئىقتىساد يۈكسەلمەكتە، خىتاي خەلقى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىدە ھوقۇقنى بىر كىشىگە مەركەزلەشتۈرۈۋېلىش ۋە چىرىكلىك، مۇبارەك ۋە كازافىي ھاكىمىيىتىدەك ئېغىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرى بولۇشى، ئەرەب مەملىكەتلىرىدىكىدەك ياش ۋە دىنامىك نوپۇسقا ئىگە ئەمەسلىكىمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

ماقالىدە يەنە، ئامېرىكا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى پروفېسسورى پېررىي لىنكنىڭ قارىشىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، پېررىي لىنك بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
خىتايدىكى نوپۇس ئەھۋالىغا قاراپ بۇنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، نوپۇسنىڭ بىر قىسمى كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى ۋە پارتىيىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان كىشىلەر. نوپۇسنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا پارا ئارقىلىق سېتىۋېلىنغان كىشىلەر. يەنە بىر قىسمى بولسا قورقۇتىۋىتىلگەنلەر. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قاتتىق نەپرەت ئوقۇيدىغان كىشىلەر بولسا تەشكىللىك ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ، ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنى ئۇ مۇكەممەللىشىشتىن بۇرۇنلا تارقىتىۋېتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق بىر قوزغىلاڭنىڭ زورىيىپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ پۈتۈن كۈچىنى بۇ خىل ئۆكتىچى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشقا قاراتقان.

«يەر شارى مەكتۇپلىرى» دە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە يەنە، يازغۇچى گوردون چاڭنىڭ كۆز قارىشىمۇ بېرىلگەن. گوردون چاڭ بولسا خىتايدا چوقۇم ئىش چىقىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتايدا ھاكىمىيەت چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك دېگۈچىلەرنىڭ زور قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە «تېخى دېكابىردىلا ھېچكىم ئەرەب دۆلەتلىرىدە دېموكراتىك ھەرىكەت بولىدۇ دەپ تەخمىن قىلمىغان. ئەمما ئۇ بولدى. ئەرەب دۆلەتلىرىدە خەلقنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى خىتايدا مەۋجۇت» دەپ، ئەگەر خىتايدا خەلقنى يېتەكلەيدىغان ياخشى بىر يېتەكچى چىقسىلا خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ۋە زور كۆلەملىك ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلەردىن نېمە ئۆگىنىشى كېرەك» تېمىلىق مۇلاھىزىدە بولسا، يېقىندا خىتايدىمۇ بۇنداق ھەرىكەتنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بولغۇسى ھەرىكەتلەرگە تەييار بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلەر ھازىر خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھازىر پەقەت تۈرلۈك باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىقلا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سايلىمىدىنمۇ ئەنسىرەپ، ئۆز سايىسىدىن ئۆزى قورقىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، «ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلەرگە خىتاينىڭ تۇتقان پوزىتسىيىدىن چىقىرىلىدىغان ئىككى خىل يەكۈن بار» دېيىلگەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت دېيىشى مۇبالىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىككىنچىسى، ئامېرىكا چوقۇم خىتايدا يۈز بېرىدىغان ھېسابلىشىش كۈنىگە تەييار بولۇشى كېرەك. يەنى، خىتايدا بىر ئىش يۈز بېرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت، خىتاي رەھبەرلىرى خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە قاتتىق دىققەت قىلمىغان تەقدىردە، كىچىككىنە بىر خاتا قەدەممۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز ئىچىدە پارچىلىنىشىغا ۋە كېيىن كەڭ كۆلەملىك خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدىكەن.

شۇڭا ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ خۇددى ئوتتۇرا شەرقتە تۇيۇقسىز مەيدانغا كەلگەن ۋەزىيەتكە قارىتا دەسلەپتە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغاندەك، خىتايدا بارلىققا كېلىدىغان ۋەزىيەتكە قارىتا قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالماسلىقى ۋە بالدۇرراق خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېموكراتلىشىش ھەققىدە قاتتىق بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ تەدبىر قوللىنىپ، زور قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.