8-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادا بىر مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلغان. بۇ يىغىندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا شەرەپ قازىنىپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىخائىل گورباچېف بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ يېڭى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
موسكۋادا بۈگۈن ئېچىلغان بۇ مۇخبىرلار يىغىنى، دەل 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، ئەشەددىي كوممۇنىستلار سوۋېت ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولغان كۈنگە توغرا كەلگەن. يىگىرمە يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئەشەددىي كوممۇنىستلار ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان. گورباچېف قارا دېڭىزدىكى بىر ئارامگاھىدا نەزەربەندكە ئېلىنغان.
ئەمما شۇ كۈنى، ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە فېدىراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشلىقى بورىس يېلتسىن دېموكراتىنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارلامېنت بىناسىغا تۇتۇشىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىگە توسۇق قويغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈندىكى كوممۇنىست ئىسيانى توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمەي ئەمەلگە ئاشمىغان. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېلىشىمى دەل ۋاقتىدا ئىمزالىنىپ، رۇسىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ، باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىراقلا گۇمران بولغان. ۋەقەدىن كېيىن، ئەشەددىي كوممۇنىستلار ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىدىغان تانكا، برۇنىۋىكلار توسۇقلارنى بۇزۇپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان. ئەينى ۋاقىتتا، تانكىلارنى ۋۇجۇدى بىلەن توسقان، تانكا زەنجىرىگە يۆگىلىپ سۆرىلىپ يۈرۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمانلار ئۈچۈن خاتىرە مۇنارى تىكلەنگەن ئىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، موسكۋادا بۈگۈن ئېچىلغان بۇ مۇخبىر يىغىنىدا، گورباچىف ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسى، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن غايەت چوڭ ئۆزگىرىش، ھازىرقى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋېلادىمىر پۇتىن ۋە دۇنيادا تېخىچە مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كەچمىگەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قاتارلىق تېمىلاردا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. گورباچېفنىڭ بۈگۈن موسكۋادا ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا قىلغان سۈزىنىڭ مەزمۇنلىرى ۋولت ستېرىت ژۇرنىلى، ھىندىستان خەۋەرلىرى قاتارلىق خەلقئارادا ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىتلەردىمۇ ھەرخىل تېمىلاردا ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچقايسى باسمىدى.
ۋولت ستېرىت ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن خەلق سايلىغان رۇسىيە پرېزىدېنتى يېلتسىندىن كېيىن، 2000-يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتى بولغان، ئەسلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب سىنىڭ كاپىتان مايورى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلاھاتنى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولغانلىقى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئوپولىتىكىلىق بالايىئاپەت» دەپ قارىغان ۋېلادىمىر پۇتىن ھەققىدە توختالغاندا، بىز ھازىر ۋېلادېمىر پۇتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونا يولىغا قايتىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، دېگەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، گورباچىفنىڭ موسكۋادا بۈگۈن ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ئۆ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىدىن ئىستېپا بېرىپلا قۇتۇلماي، بەلكى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتىلا كوممۇنىست پارتىيىنى ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىۋەتكەن بولسا، ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي قالايمىقانچىلىق چىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئەمما گورباچېف بۇ مەسىلىنى ھېس قىلغاندا، ئاللىقاچان نەزەربەندكە ئېلىنىپ قالغان.
موسكۋادا بۈگۈن ئېچىلغان مۇخبىر يىغىنىدا گورباچىف، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت كوممۇنىزم قورغىنى گۇمران بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا خىتاي باشچىلىقىدىكى بىر نەچچىلا كوممۇنىزم دۆلىتى قالغانلىقى، بۇلارنىڭ تەقدىرى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، خىتايدا ئىسلاھاتنى يولغا قويىدىغان ۋاقىت بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى، دېگەن.