سابىق ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گەرى لۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا خىتاي ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ۋە ئىختىلاپلار ھەققىدە توختالدى. گەرى لۇنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋاقتى دەل ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھالقىلىق دەۋردە تۇرۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ پەيت دۇنيا سەرمايە بازىرى تۇراقسىز ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان، ئىقتىسادى كرىزىس پارتلاش خەۋپى ئەندىشە قوزغاۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ كرىدېت دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن، دوللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، قولىدىكى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە چېكى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان پەيت ئىدى. لېكىن گەرى لۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايلارنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان.
ئۇ «پرېزىدېنت بىلەن دۆلەت مەجلىسى بىرلىككە كېلىپ، ئامېرىكا مالىيە خام چوتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە چېكىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. بۇ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش بىخەتەر ۋە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى. بۇ گەرچە ئۇنىڭ ئىقتىسادى رىقابەتكە يولۇققان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن، گەرى لۇ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بۇ ۋاقىت يەنە، ئامېرىكا-بىلەن خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە، سودا ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى گەۋدىلىك ئەكس ئېتىپلا قالماي، شىمالىي كورىيە، ئىران، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىزلىق قاتارلىق خەلقئارا مەسىلىلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت، ئاخبارات ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا دائىر مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى گەۋدىلىك ئەكس ئېتىشكە باشلىغان بىر پەيتتۇر. گەرى لۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىغا دائىر بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا «ئامېرىكا بارلىق دۆلەتلەر ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا بىردەك ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېگەن مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. بۇ ئىپادە ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بۇ ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسى» دەپ تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىختىلاپتىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر لۇنىڭ باش ئەلچىلىك دەۋرىدە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئىختىلاپلاردا چوڭ ئىلگىرىلەش يۈز بېرىشى ناتايىنلىقىنى، چوڭ ئىلگىرىلەش يۈز بېرىشى ناتايىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق بولۇپ، بۇ مەسىلە باش ئەلچىلەرگە ئوخشاشلا گەرىي لۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن گەرىي لۇنىڭ باش ئەلچىلىككە تەيىنلىنىشىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان تەرەپلەرنىڭ ئۈمىدى ئوخشاش ئەمەس.
بەزى خىتايلار گەرىي لۇنىڭ خىتاي ئىرقىي ئىكەنلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن گەرىي لۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە پۇرسەتلەر دۆلىتى دەيدىغان ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەرىي لۇنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشكە چاقىردى. كۆزەتكۈچىلەر گەرىي لۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈش بىلەن، ئۇلار ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئىختىلاپلارنى قانداق تەڭشەشتىن ئىبارەت رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گەرىي لۇ ئىلگىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنسە، خىتاينى خەلقئارا ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خەۋپ-خەتىرى ناھايىتى زور ئىختىلاپ مەۋجۇت. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان قىلغان ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ژۇرنالىستلار، ئادۋوكاتلار، تورچىلار ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇشى بىزدە جىددىي ئەندىشە قوزغىدى. ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنى ئالغا سۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ھۈل تېشىدۇر. ئەگەر مېنىڭ نامزاتلىقىم ماقۇللانسا، مەن خىتايدا ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېنىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئالغا سۈرىمەن» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا نۇرغۇن رىقابەت ۋە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئەللەردۇر. گەرىي لۇ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىككى تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەت. ئۇنىڭ شۈبھىسىز نۇرغۇن رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى تۇرغان گەپ. بىراق ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش پۇرسىتى ناھايىتى زور» دەيدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى غايەت زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن بولدى قىلماي، پۈتكۈل دۇنيادا يېتەكچىلىك رول ئوينىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.