ئۇلرىخ دېلىئۇس: خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىشىغا ئۈمىد باغلىغىلى بولمايدۇ
2012.09.27

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلىۋالغان 63 يىلدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا دوكلات بېرىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆزلەيدىغان تېمىسى ھەققىدە توختىلىپ: كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئالمىشىدىغان كېلەر قېتىملىق قۇرۇلتىيى مۇشۇ ئۆكتەبىردە چاقىرىلىدىغاندەك قىلىدۇ. مەن يىغىندا ۋەزىيەت ھەققىدە بولۇپمۇ، ئاساسلىق يېتەكچى شەخسلەر، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئائىلىۋى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئانالىز قىلىپ ئۆتىمەن. ئۆزگىرىش بولۇشتىن ئۈمىد بار - يوقلۇقى، بىز كۈتكەندەك تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىق توغرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىمەن، دەپ كۆرسەتتى.
1 - ئۆكتەبىردىكى يىغىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1 - بۆلۈمى رەھبەرلىكنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى، 2 - بۆلۈمى خىتاينىڭ رەھبەرلىك ئالمىشىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەققىدە بولۇپ، د ئۇ ق بۇ يىغىننىڭ «ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى كەڭ كۆلەملىك رەھبەرلىك ئالمىشىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىش، بۇنىڭ ئۇلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، باۋارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ماركۇس رېندىرسپېچىر ئەپەندى، يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى مارگېرېت بائۇس خانىم قاتارلىق شەخسلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىغان بۇ يىغىندا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مول تەجرىبىگە ئىگە شەخسلەر، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار دوكلات بېرىدۇ. دوكلات بېرىدىغانلار ئارىسىدا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندىدىن باشقا، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو پېردۇسا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى پېتېر مۈللېر، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، رەئىسى ناۋاڭ چوپېل قاتارلىق شەخسلەر، تۈركىيە ھاجىئۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بار.
مەزكۇر يىغىن خىتاي كومپارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيى پات يېقىندا چاقىرىلىپ، خىتاي كومپارتىيە باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتارلىق مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى بىر قانچە دائىمىي ئەزاسى دەم ئېلىشقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئورنىغا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى سىياسىي بيۇرو تەشكىل قىلىنىدىغان مەزگىلدە چاقىرىلغان.
بۇ مەزگىل يەنە، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئالغا سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
لېكىن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى ئەسكەرتىپ، خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە، بىزنىڭ مەلۇم ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر، دەيدىغان ئۈمىدىمىز بار. بولۇپمۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشىنى ۋە دىئالوگ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغاندا بولۇپمۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلغاندا بىزگە ئۇ، مىللىي سىياسەتكە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان شەخسلىك تەسىراتى بەرمەيدۇ. ئەپسۇسكى، مەن ئۇنى سىياسەتكە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدىغان شەخس، دەپ قارىمايمەن.
ئۇلرىخ دېلىئۇس، شى جىنپىڭنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن نوقۇل مىللىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.
دېلىئۇس ئەسكەرتىپ: ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغان مەسىلە بولغاچقا، ئۇ نوقۇل مىللىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە خىتاي ئىقتىسادىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. شى جىنپىڭ شەرقىدىكى سانائەت رايونلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شەخس. شۇڭا بىزنىڭچە ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، نامرات رايونلار بىلەن باي رايونلارنىڭ پەرقىنى ئازايتىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوچۇق پىكىرلىك بولۇشى ناتايىن، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - ئۆكتەبىر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىق رەھبەرلىرىنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىشى ئىككى خىل ئېھتىماللىقنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەنى بۇنىڭ يا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت كىشىلەر، ياكى قاتتىق قول شەخسلەرگە يول ئېچىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەسكەرتىپ «پەۋقۇلئاددە ھالقىلىق بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، ھازىرغا قەدەر سەل قارالغان ياكى مەۋجۇت بولمىغان كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە، ئاز ئۇچرايدىغان بەزى پۇرسەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش ئىستېمالى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسىلە يەنىلا خىتاينىڭ قايسى يولدا مېڭىشى رەھبەرلىككە كىملەرنىڭ سايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.