گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى

30 كۈنلۈك رامزاننى ئاخىرلاشتۇرغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار 30-ئاۋغۇست كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى د ئۇ ق زالىدا بىرگە ئوقۇدى ۋە ئائىلىلەر ئارا ھېيت پەتىسى قىلىشىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشتى.

0:00 / 0:00

ھەر يىلقىغا ئوخشاش، ميۇنخېندا بۇ يىلقى ھېيت نامىزىمۇ د ئۇ ق نىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. روزا ھېيت نامىزىغا ميۇنخېندىكى 100گە يېقىن ئۇيغۇر ئەرلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر قاتنىشىش بىلەن بىرگە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامازدىن ئىلگىرى 1000 ئويرۇغا يېقىن سەدىقە-پىتىر يىغىلدى ھەمدە زۆرۈر ئېھتىياجلىق جايلارغا دەرھال يەتكۈزۈش بەلگىلەندى. نامازدىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز-ئارا سەمىمىي كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى. شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىغا كىرىپ، رېستوران خوجايىنلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەقسىز ناشتىلىقلارغا ئېغىز تەگدى.

germaniye-roza-heyt2-385.jpg
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىلەر ئارا ھېيت پەتىسى قىلىشىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشتى. 2011-يىلى 30-ئاۋغۇست. (RFA/Ekrem)

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىمامى بولغان تۇرغۇن ئالاۋۇدۇن ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى رامزان ئېيىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مۇشۇنداق ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ بولۇشىنى تىلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر ئادەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ياخشى ئەنئەنىلىرىنىڭ يەنىمۇ داۋاملىشىشىغا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

شەھەر مەركىزىدىكى رېستورانلاردا ناشتىلىقلىرىنى تاماملىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى توپ-توپ بولۇپ، قانچىلىغان ئاپتوموبىللاردا شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيت پەتىسى قىلىپ، مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ھېيت كەيپىياتى ھېس قىلدۇردى ۋە قېرىنداشلىق مېھىرلىرىنى يەتكۈزۈشتى. بۇ ھېيت پەتىسى 30-ئاۋغۇست كۈنى بىر كۈن داۋاملاشتى. ساھىبخانىلار تولىمۇ خۇرسەن بولۇشتى ۋە مېھمانلارنى زور ئىززەت-ئىكراملار بىلەن كۈتتى.
ھەممىلا ئائىلىدە ھېيتلىق ساڭزا ۋە تاتلىق تۈرۈملەر پىشۇرۇلغان بولۇپ، گويا ۋەتەندىكى ھېيت مەنزىرىسىنى ئەسلىتەتتى.