گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى

26-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق يىغىن زالىغا توپلىنىپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئۆتىدى ۋە ۋەتەندىكى مەزلۇم خەلقى ئۈچۈن نىجاتلىق تىلەپ دۇئا قىلدى.

0:00 / 0:00

ئىش كۈنى بولۇشىغا قارىماي، نامازغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەلگەن بولۇپ، خاتىپ بولغۇچى كىشى نامازدىن ئىلگىرى تەپسىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز دىنىغا ۋە مىللىي كىملىكىگە سادىق بولۇشقا چاقىردى. نامازدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر، ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى. جامائەت نامازدىن تارىغاندىن كېيىن، ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ھېيت پەتىسى قىلىشنى باشلىۋەتتى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بۈگۈنكى نامازنىڭ ئىمامى بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ئۆز خەلقىگە بولغان ھېيتلىق سالاملىرىنى يوللىدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىدىن بىرى، ھەر يىلقىغا ئوخشاش ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك جامائىتىنىڭ قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتىغان پۇللىرىنى يىغىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى شېھىتلار ئائىلىسىگە ھەم موھتاجلارغا يوللاش بولدى. ئۇلار بىر ئايدىن بۇيان بۇ توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى.