گېرمانىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

13-نويابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ھەم سەنئەتكارلار ھەمدە تۈرك مېھمانلارمۇ قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتەنمۇ مول بولدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەت ئىچىدە جۇمھۇرىيەت مارشىغا جۆر بولدى.

ikki-jumhuriyet-germaniye1-385.jpg
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى 13-نويابىر. (RFA/Ekrem)

بۇ پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. سىياسىي ئەرباب ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ھاياجان بىلەن ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى سۆز ئېلىپ، 3-جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئازاد شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈش تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتتە يەنە گېرمانىيىدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئۇيغۇر ياشلار مۇكاپاتلاندى.
ئارقىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ نەتىجە ياراتقان كوماندا ئەزالىرى ماددىي ھەم مەنىۋى تەقدىرلەشكە ئېرىشتى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مۇسابىقىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، سابىق شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش قاتارلىق مويسىپىتلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گوللاندىيىدىن كەلگەن سەنئەتكار كامىل ئابباس ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. پائالىيەتتە ناخشا-ساز، ئۇيغۇر ئۇسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، سورۇنغا جەم بولغان جامائەتنى ھاياجانلاندۇردى.