گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ يېقىندا خىتاينى 5 كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى گېرمانىيىنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ماركۇس لۆنىڭنىڭ زىيارىتى نوقۇل خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن چەكلەنمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، تور يازغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى پىكىردىكى بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەزكۇر زىيارەت ھەققىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ، ئۈمىدسىز قايتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ماركۇس لۆنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا ئەسكەرتىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى ئۇنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرە قىلىشقا ھېچقانداق قىزىقمىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر بارلىق تەنقىدلەرنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ گېرمانىيە ئەمەلدارى بىلەن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايلاردىكى بۇ پوزىتسىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلابنىڭ خىتايغا تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، رادىكاللىشىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى ئۆز كۈچىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، يۇقىرىقى ئەھۋالدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ماركۇس لۆنىڭ خىتايدىكى 5 كۈنلۈك سەپىرى جەريانىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر ئىندىۋېدال مەسىلە ئەمەسلىكى، گېرمانىيە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمى يۆنىلىشى بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان زور چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن، ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە ئارىلىشىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئالغا سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «غەرب ئەللىرىنىڭ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى بار. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇش، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە ئېھتىياجى بار. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھۆكۈمەتلەر سەۋىيىسىدە ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىلىرىنى غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشىنى توغرا تاپمايمەن. بۇ جۇڭگودىكى ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە ياكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. يەنى غەربلىكلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈشى لازىم.»
لۆنىڭنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئۇلار يەنە، بەزى كونكرېت دېلولارنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسى ئۇلار مۇزاكىرە قىلغان بۇ دېلولارنىڭ بىرى. ماركۇس لۆنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئەسكەرتىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى ئەي ۋېيۋېي بىر قانۇن دۆلىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇئامىلىگە ئېرىشىۋاتامدۇ؟
ماركۇس لۆرىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يۇقىرىقى مەسىلە ئوخشاشلا يەنە، خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش مەسىلىسىدە غەرب ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى.لېكىن ماركۇس لۆنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك خىتاي سەپىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاي سەپىرىدىن باشلاشتىن بۇرۇن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ۋەكىللەر ماركۇس لۆنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە «5-ئىيۇل ۋەقەسى»گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق نۆۋەتتىكى بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەسلىدىكى پىلاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە زىيارەت قىلىدىغان بېكەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئۇ زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ زىيارەت پىلانىدىكى ئۈرۈمچى سەپىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ زىيارىتى 5 كۈنگە قىسقارتىلغان. ماركۇس لۆنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا قىلغانلىقىنى، قانۇنى تەرتىپكە ئاساسەن ئىش بېجىرىش مەسىلىسى ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ۋەن يەنخەي ئەپەندى بىر دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىشكە ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەگەر بىر دۆلەت قانۇن بىلەن ئىش ئېلىپ بارمىسا، بۇ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپلا قالماي، بۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋە شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ پائالىيىتى ھەم سودا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆرسىتىدۇ. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك» دېگەن.