0:00 / 0:00
بۇ نامايىش خىتاي مەدەنىيەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر مەيدانىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياۋروپا-شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، تىبەت ھەرىكىتى، خەۋپ ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
نامايىشتا ، ئۇيغۇرلار قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.