ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 26-ئىيۇندىن بېرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتكەن خەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى قاتارلىق تەشكىلات ۋە جامائەت گۇرۇپپىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ چوڭ پائالىيەت تەشكىللىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، 3-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى نامىدىن شېھىتلەر روھىغا نەزىر بېرىش ۋە شېھىتلەرنى ئەسلەش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنغان. پائالىيەت ميۇنخېندىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» ناملىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ پائالىيەت زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، 5-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ئاۋات ساياھەت ۋە سودا مەركىزى بولغان شىتاخۇس دېگەن يېرىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. 7-ئىيۇل كۈنى بولسا، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى مەخسۇس ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ نامايىشىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئەينەن ھالدا شۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقىمىز قەلبىدە ئۆچمەس داغ قالدۇرغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق ئېلان قىلغان چاقىرىقنىڭ روھىغا بىنائەن، گېرمانىيىدە بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش قارار قىلىندى. پۈتۈن ۋەتەنداشلارنى بۇ پائالىيەتلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرىتىنى، شېھىتلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىنى نامايان قىلىشقا چاقىرىمىز!"
بىز بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە چوڭلار مەشرىپى ئەزاسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى رەئىسى گۈلنار خانىملارنى زىيارەت قىلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.