5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇلى مەشھۇر سىياسەتچى مارگېرىتا باۋزى خانىم ھەمدە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يېشىللار پارتىيىسى نۆۋەتتە گېرمانىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان نوپۇزلۇق پارتىيىلەردىن بىرى بولۇپ، مارگېرىتا خانىم بۇ پارتىيىنىڭ باۋارىيە شتاتىدىكى مەسئۇلى ھەمدە سۆزچىسى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، ھەر يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش سېپىگە قوشۇلۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان تەسىرى چوڭ سىياسىي شەخس. ئۇ نامايىش مۇقەددىمىسىدە ياڭراتقۇ بىلەن ئەتراپتىكى گېرمان جامائىتىگە خىتاب قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە خىتاي زۇلۇمىنى ئەيىبلەشنى تەكىتلىدى. مارگېرىتا خانىم 2008-يىللىرى، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، گېرمانىيە سوتىغا تاپشۇرغان ئىدى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى. بۇ كىشىمۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى گېرمانىيىدە ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن بىر زات. ئۇ ھەر قېتىم خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن گېرمانىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۇچرىشىش بولۇشتىن ئىلگىرى دەرھال ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە قۇربان قىلىۋەتمەسلىكنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى قىلىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى تۇنجى بولۇپ «سىز، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۇ مىنۇتلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ناھايىتى دەھشەتلىك، ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولغان ئۇنتۇلغۇسىز بۇ ۋەقەنىڭ يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خاتىرىمىزدىن ئايرىماسلىقىمىز لازىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ پۈتۈن چارىلىرىگە باش ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا بارلىق كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان قىممىتى ئورنىنى تاپقان ياۋروپالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلالمايمىز. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشىمىز ھەمدە بۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك.
مارگېرىتا باۋزې خانىم بولسا «سىز، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىسىز. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3-يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ نامايىش سېپىگە نېمە سەۋەبتىن قوشۇلدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
- مەن بۇ نامايىش سېپىگە بىر ئىنسانلىق سۈپىتىم بىلەن قوشۇلدۇم. دۇنيانىڭ نەرىدىلا زۇلۇم، خورلۇق بولىدىكەن، «مەن ئۇ يەرلىك ئەمەس، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس» دەپ سۈكۈت قىلىپ ياكى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش ھەقسىزلىق. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر؛ تۈرمىلەرگە بىگۇناھ قامىلىش، قېيىن-قىستاقلارغا يولۇقۇش، قاماق جازالىرى، ھەتتا سوراق-سوئالسىز ئۆلۈم جازالىرىغا دۇچ كېلىشتەك پاجىئەلەرنى مەدەنىي بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزىۋېتەلمەيمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بۈگۈن ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكىي مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇ خەلقئارالىق بىر مەسىلە. مەن يەر يۈزىدىن تامامەن يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارايمەن ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشنى خالايمەن. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۈگۈن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنىدە، مېنىڭ بۇ نامايىش سېپىدە بولۇشۇمدىكى سەۋەب، ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغان ئۇيغۇرلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاش ھېسسىياتىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. 5-ئىيۇلدا قۇربان بولغانلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ نامايىش قىلغانلار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇپ تاشلىدى.