ئۇلرىك دېليۇس: ساقال-بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىشنى چەكلەش مىللىي زۇلۇمنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى مارگېرىتا خانىم «ئۇيغۇرلار كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەن بولسا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دېليۇس ئەپەندى «بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىغىمۇ ئىگە چىقالمايۋاتىدۇ» دېدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇلى مارگېرىتا خانىم 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
«بىرقانچە يىل ئىلگىرى، د ئۇ ق نىڭ تەكلىپى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر سىياسىي يىغىلىشىغا قاتناشماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلىدىن ئۇچرىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن خىتاي كونسۇلىنى باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانامغا تەكلىپ قىلدىم. ئۇنى مەن بىلەن نورمال بىر دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم. كۈتۈلمىگەندە، ئۇ مەندىن د ئۇ ق نىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن يىراق تۇرۇشنى، بولمىسا خىزمىتىمگە تەسىر يېتىدىغانلىقى ئېيتتى. مەن خىتاي كونسۇلىغا كىم بىلەن كۆرۈشۈش، كىم بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى مەن ئۆزۈم بەلگىلەيمەن. بىز ياشاۋاتقان بۇ ئەركىن دۇنيادا كىشىلەر نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆزى قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىغا موھتاج ئەمەسمىز. بۇ مەدەنىي، دېموكراتىك دۆلەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، مەيلى ئۇ كونسۇل بولغان تەقدىردىمۇ، دەپ جاۋاب بەردىم.»

مارگېرىتا باۋزى خانىم شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ زور قىزىقىش بىلەن ئارىلىشىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەگەر ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلسىلا، مەن ئۇلارنىڭ ھەرقانداق يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىم ۋە قوللاش ئىرادەمنى ئىپادىلەپ كەلدىم.»

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان بىر مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دوپپا كىيىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىشنىمۇ چەكلەش سىياسىتى، خىتاي زۇلۇمىنىڭ يۇقىرى بىر چەككە يەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ھەممە ھوقۇقىدىن ئايرىلىپلا قالماي، ھەتتا ئۆزىنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىغىمۇ ئىگە چىقالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللىي بۆلگۈنچى، رادىكال دىنىي ئۇنسۇر ئاتىلىپ قولغا ئېلىنسا، قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنسا، ئەلۋەتتە زور ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا كىشىلىك ھەقلىرىگە ساھىب چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.»

دېليۇس ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ سىياسىي شوئارى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ھە دېسىلا، خىتايدا ھەممە مىللەت باراۋەر، مىللەتلەر ئىناق، دەپ جار سالىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان سانسىزلىغان ۋەقەلەر بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بۈگۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ نەقەدەر يالغانچى بولغانلىقىنىڭ ئاشكارا دەلىلى.»

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇلى مارگېرىتا خانىم زىيارىتىمىز خاتىمىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تىلەكلىرىنى بايان قىلدى:
«مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيەم؛ ئۇيغۇرلار كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مۇھىم بولغىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان نامايىش، سىياسىي يىغىلىش، ئىلمىي يىغىلىشقا ئوخشاش دېموكراتىك شەكىلدىكى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايانغان پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى لازىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قارىلاپ، تېررورىزم سېپىگە قوشۇۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى دېموكراتىك پائالىيەتلىرىڭلار خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى پاش قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. سىلەرنىڭ مىللىي كىملىكىڭلارنى قوغداپ قېلىش، ئەركىنلىكىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى دۇنيا بىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارالاشقان بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە، ھازىرقىدەك خالىغانچە بوزەك قىلماسلىققا مەجبۇر بولىدۇ.»

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇلى مارگېرىتا باۋزى خانىم ۋە باش شتابى گېرمانىيىدە بولغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.