مەن ميۇنخېن بىر ئۇيغۇرغا تېلېفون قىلغان ھامان، ئۇ يانفونى ئارقىلىق ماڭا نامايىشتا توۋلىنىۋاتقان شوئارلارنى ئاڭلاتتى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 6 گىچە بولغان بۇ نامايىشتا «خىتاي يۇرتىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، بىز مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز» قاتارلىق شوئارلار گېرمانچە ۋە خىتايچە توۋلىنىۋاتىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە نامايىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى نامايىشتا كۆتۈرۈلگەن بايراقلار، دەل ئۇيغۇرلار خوتەندە ساقچىخانىغا قادىغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا ئوخشاش بايراق. بۇ نامايىشتا يەنە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى چۈشەندۈرىدىغان رەسىملەر بار. خىتاي كونسۇلخانىسىغا ۋېزا بېجىرگىلى كەلگەن گېرمانلار بۇ نامايىشتا توۋلانغان شوئارلارنى ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئاڭلىغان.
ئەمدى نامايىش ئەھلىنىڭ چىن سۆزلىرىنى ئاڭلايلى: نامايىش مەيدانىدىكى بىر ئۇيغۇر خانىم يۇرتنى ئىنتايىن سېغىندىم دەپ سۆزىنى باشلاپ، بۈگۈنكى نامايىشتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا چىن يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ، بىز چوقۇم خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى يۇرتىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز، بىز چوقۇم ئازاد بولىمىز دېدى.
نامايىش ئەھلىدىن يەنە بىر ئۇيغۇر ئەر، مىنىڭ يۇرتۇم شەرقىي تۈركىستان دەپ سۆزىنى باشلىدى ۋە سۆزىدە، خىتاينىڭ خوتەندە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.
نامايىشتا، باشتىن-ئاخىر، خىتاي يۇرتىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، ئەركىنلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دېگەن شوئارلار ياڭراپ تۇردى.