گېرمانىيىدە خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىنىڭ 62-يىللىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە، بىرقىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلار شەھەر مەركىزىگە توپلانغان مىڭلارچە ئاممىغا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن خىتاي دۆلەت تېررورىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى.

germaniye-namayish-xitay-konsul-385.jpg
خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 1-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە. (RFA/Ekrem)

نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك لوزۇنكىلار، ھەرخىل تەشۋىقات تاختايلىرى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىش تارىخى، بۇ مۇستەملىكە دەۋرىدە ئۇيغۇرلار يولۇققان تۈرلۈك زۇلۇملار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىلدى.

بىز نەق مەيداندا بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن يېڭىدىن قېچىپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرىدىن ۋاقىپ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.