نامايىشقا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرگە، بىرقىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلار شەھەر مەركىزىگە توپلانغان مىڭلارچە ئاممىغا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن خىتاي دۆلەت تېررورىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى.

نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك لوزۇنكىلار، ھەرخىل تەشۋىقات تاختايلىرى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىش تارىخى، بۇ مۇستەملىكە دەۋرىدە ئۇيغۇرلار يولۇققان تۈرلۈك زۇلۇملار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىلدى.
بىز نەق مەيداندا بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن يېڭىدىن قېچىپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرىدىن ۋاقىپ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.