دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇردى

10-دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغان كۈن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

0:00 / 0:00

شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش تىنچ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن لوزۇنكىلار بىلەن نامايىش قىلغان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى. 2012-يىلى 10-دېكابىر، ميۇنخېن.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى. 2012-يىلى 10-دېكابىر، ميۇنخېن. (RFA/Ekrem)

نامايىشقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە نامايىشچىلار ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك نامايىش ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.