"بىر دۇنيا ئۆيى" دە چاقىرىلغان 6-فېۋرالدىكى مۇراسىمغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، بۇ مۇراسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمغا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلدى ۋە رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر جامائىتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، ئالدى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
رابىيە خانىم ئۆز نۇتقىدا د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، 5-ئايدا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ھەققىدە، ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا كۆپلىگەن تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە بولۇپ ئۆتتى. رابىيە قادىر خانىم يىغىن خاتىمىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەتتە دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.