گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانماقتا

گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرىدە جانلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ھەم تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر قانات يايدى. فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى مۇلاھىزىسىدە دوكلاتتىن نەقىل ئېلىنىپ، ئەينەن ھالدا «ئۆكتىچى دىنىي ئېقىم بولغان فالۈڭگۇڭچىلاردىن سىرت، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئاخبارات ئىگىلەش نىشانىغا ئايلانغان، ھەتتا ئۇلار خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگىمۇ دۇچ كەلگەن» دېيىلگەن ئىدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى يېڭى خەۋەرلىرىدە، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، 2011-يىلى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھازىر خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەم د ئۇ ق نىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە 79 مىڭ كىشىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى، سىياسىي پىلانلىرى، ھەربىي ھازىرلىقلىرىدىن تارتىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىچە بولغان ئاخباراتلارنى ئېگىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.