ئۇيغۇرلار گېرمانىيىنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدە نامايىش قىلدى

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 22 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ خاننوۋېر شەھىرىگە جەم بولۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گېرمانىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرماقچى بولغان ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا پايدا كەلتۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زاۋۇتقا كۆپلەپ ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ نامايىش ھەققىدە گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم مەلۇمات بېرىدۇ.