گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم 16 - ئىيۇلدىن باشلاپ خىتاينى 2 كۈن زىيارەت قىلىدۇ. مېركېل خانىم 2 كۈنلۇك زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىساد ۋە ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. مېركېل خانىم بۇ سەپىرىدە خىتايغا كارخانىچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن يولغا چىققان. لېكىن ھەر ئىككىلا دۆلەت مېركېل خانىمنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپى ۋە قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىغا دائىر كونكرېت مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلمىدى.
بۇ ئانگېلا مېركېلنىڭ گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت سورىغان 5 يىلدىن بېرى خىتاينى 4 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، گېرمانىيىدىكى سولچى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر، تىبەت ھەم خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئىزچىل دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى قوغلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىماسلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ بىرى يېشىللار بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە دۈشەنبە كۈنى "رېين ۋاقتى" گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، مېركېلنىڭ خىتاي سىياسىتىنى مەنپەتپەرەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رۇتت، مېركېلنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈشىنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغانلار ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىشتۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، قۇرۇلتاينىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى گېرمانىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە بىلەن خىتاي 1999 - يىلى 11 - ئايدا قانۇن بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىشقا دائىر ئومۇميۈزلۈك دىئالوگ ئېلىپ بېرىش كېلىشىمى تۈز گەن. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى تەرەپ ھازىرغا قەدەر 9 قېتىم يىغىن ئاچقان بولۇپ، ھەر قېتىمقى يىغىندا ئوخشىمىغان تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. بۇ يىلقى يىغىننىڭ مۇزاكىرە تېمىسى ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇندىكى ئورنى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ مەسىلە خىتاي غەرب ئەللىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە.
خىتاي "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش مەسلىسىدە تەنقىدكە ئۇچراپ، سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇش، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىنى رەت قىلىش، ئادۋوكاتلارغا سىياسىي كۆرسەتمە بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولسا، گېرمان - خىتاي قانۇن دىئالوگىنىڭ خىتاينى پىكىر ۋە كۆز - قاراش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ قانۇن قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، گېرمانىيە - خىتاي ئارىسىدىكى قانۇن دىئالوگىغا گۇمان بىلەن قاراپ، بۇ دىئالوگنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە ئىقتىسادى مەسىلە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
گېرمانىيە خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. لېكىن گېرمانىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ بالانىسى 20 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2009 - يىلى خىتاي گېرمانىيىگە 55 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان. گېرمانىيە بولسا خىتايغا 36 مىليارد دوللارلىق تاۋار ئېكسپورت قىلغان ئىدى. مېركېل خانىم بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىگە گېرمانىيىنىڭ زېمىنس قاتارلىق 25 چوڭ شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىرگە ئېلىپ ماڭغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى مەسىلىسى مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تىبەت مەسىلىسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى تېما بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر نۆۋەتلىك گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.