گېرمانىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنىدە
2012.10.11
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە بىلەن خىتاي 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، گېرمانىيە تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالتېر شېئىل، خىتاي تەرەپتىن جى پىڭفېي خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا كېلىشىمگە ئىمزا قويغان. بۇ 40 يىلدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق داۋام قىلدى؟
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سىياسەت، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە تۇتاشسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 40 يىللىق مۇناسىۋىتىنى ئانچە كۆڭۈللۈك ياكى نەتىجىلىك بىر مۇناسىۋەت دەپ باھالاشقا بولمايدۇ.
گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېلىشىم سوممىسى 100 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان سۈركىلىشلەر، زىددىيەتلەر مەۋجۇت. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۈپەيلى پەيدا بولغان كونا سۈركىلىش بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا. گېرمانىيە تەرەپ خىتاينى گېرمان ماللىرىنى كوپىيە قىلىش، خىتايلارنىڭ تۈزگەن ئىقتىسادىي توختاملاردىن يېنىۋېلىشى، تېخنىكا ئوغرىلاش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خىتاي بولسا گېرمانىيىنى دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىنى چەكلىمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بارلىقىنى، خىتاينىڭ د ئۇ ق نى تېررورچى تەشكىلات ئاتاپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تارىخقا نەزەر سالغاندا، خىتاينىڭ چىڭداۋ ئۆلكىسى 1897-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىنىڭ ئىشغالى ئاستىغا ئۆتۈپ، گېرمانلار تەرىپىدىن 17 يىل ئىدارە قىلىنغان. ئەمما گېرمانلار بۇ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىننى بۇلاپ-تالىمىغان. ئەكسىچە، قىسقىغىنا 17 يىل ئىچىدە، چىڭداۋدا مەكتەپ ئېچىش، دوختۇرخانا سېلىش، گېزىت-ژۇرنال تەسىس قىلىش، چېركاۋلارنى قۇرۇش قاتارلىق خەيرلىك ئىشلارغا تۇتۇش قىلغان. بۇ مۇستەملىكە زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى ئىجابىي پىلانلارنى تۈزۈپ يولغا قويماقچى بولغان. بىراق 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن، گېرمانلارنىڭ پىلانلىرى پىلان پېتىچە قالغان. ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى چىڭداۋنى گېرمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان.
1945-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە دۆلىتى شەرقىي گېرمانىيە ۋە غەربىي گېرمانىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خىتاي تەرەپ 1972-يىلىغىچە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي گېرمانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، غەربىي گېرمانىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت ئورناتمىغان. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش مۇناسىۋىتى تاكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون 1972-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغانغا قەدەر داۋاملاشقان. غەربىي گېرمانىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىمىد كۆل 1975-يىلى تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن باشلاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. شىمىد كۆل بۇ زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ۋە دىڭ شاۋپىڭلار بىلەن كۆرۈشكەن. گېرمانىيىدە خىتايپەرەست ئادەم دەپ قارىلىدىغان 93 ياشلىق شىمىد كۆلنىڭ يېقىندا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تيەنئەنمىن ۋەقەسى توغرىسىدا قىلغان سۆزى، گېرمانىيىدە زور غۇلغۇلىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە، «تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى قانلىق باستۇرۇشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەسكەرلەر كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئوق چىقارغان» دېگەن. بۇ گەپ چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت «مۈشۈك ئېيىق مۇناسىۋىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1974-يىلى خىتاي تەرەپ گېرمانىيىگە تيەنتيەن، باۋباۋ ئاتلىق ئىككى دانە مۈشۈك ئېيىقنى سوۋغا قىلغان. 1980-يىللىرىگە كەلگەندە گېرمانىيىدە مۈشۈك ئېيىق قىزغىنلىقى قوزغالغان. بىراق بۇ مۈشۈك ئېيىق قىزغىنلىقى گېرمانىيىنى نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيانغا سۆرەپ كىرگەن. خىتاي تەرەپ مۈشۈك ئېيىق سوۋغا قىلىش ياكى ئىجارىگە بېرىش بەدىلىگە، گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلغار تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. 1990-يىلىغا كەلگەندە، كۈچلۈك قارشىلىقلار سەۋەبىدىن مۈشۈك ئېيىق قىزغىنلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن.
1989-يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يەنە بىر قېتىم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئەمما 1992-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى، مۇتەخەسسىسلەرنى خىتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ بازاردىن پايدىلىنىش ئىدىيىسىگە كەلتۈرگەن. خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا شۇندىن باشلاپ ئىقتىسادى ھەمكارلىقلار قانات يايغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى كېلىشىمنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغان. خىتاي دۆلىتى گېرمانىيىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلىنىپ قالغان.
2007-يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل دالاي لامانى مىنىستىرلار كابىنتىدا قوبۇل قىلغاندا، خىتاي تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقپالىنى قاراڭغۇ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، گېرمانىيىدىن يەنىلا رىشتىنى ئۈزەلمىدى. ھازىر گېرمانىيىدە 250 مىڭ خىتاي بىلىم ئاشۇرماقتا. گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى كېلىشىمىنىڭ مىقدارى 160 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. 1990-يىلى بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن ھازىرغا قەدەر، خىتاي بىلەن گېرمانىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىدا قانداق سۈركىلىشلەر مەۋجۇت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇ تەرەققىيات پەقەتلا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىيات بولۇپ، مەدەنىيەت، قانۇن دىئالوگى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھېچقانچە ئىلگىرىلەش يوق.