«ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى، گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قوللىشى بىلەن باۋارىيە پارلامېنتىدا «خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولىدىغان تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملىرى بىلەن بىرگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.