گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى 2011-يىلى 4-فېۋرال كۈنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان گېرمانىيىگە يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردى.
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى. بۈگۈن گېرمانىيە جامائىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدىمۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردى.
رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى چاي زىياپىتىدىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار ئوسمان خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىگە يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
گۈلنار خانىم گېرمانىيە ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 2010-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ گېرمانىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا گۈلنار خانىم يەنە، بۈگۈنكى ئاياللار سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۈگۈنكى ئاياللار سۆھبەت يىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گېرمانىيە ئاياللىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.