ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان شىتاخۇس دېگەن جايغا توپلانغان ئۇيغۇرلار چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دىن 19:00 غىچە ئونلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، 5-ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان تاختايلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا ئەرلەردىن سىرت، كۆپلىگەن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشتى. يەنە بىر قىسىم گېرمانلار، تۈركلەر، تىبەتلىكلەرمۇ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش جەريانىدا، د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچى ئاممىغا 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنى گېرمانچە تىلدا يەتكۈزۈپ، گېرمان جامائىتىنىڭ دىققىتى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا ئائىت ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتقان نەرسە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بولدى.
نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۆمەرجان ۋە ئابدۇجېلىل قارىھاجىملارمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېليۇن ئەپەندى خىتاينىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم سېلىپلا قالماستىن، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تېلېفونلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.