رۇسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى 1945-يىلىدىكى تۇنجى 9-ماي كۈنىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان 66 يىلدا ھەر يىلى 9-ماي كۈنىنى ھەيۋەتلىك ھەربىي پاراتلار بىلەن تەنتەنە قىلماقتا.
بۇ يىل 9-ماي كۈنى رۇسىيە ۋە بىر قىسىم مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تەنتەنە بىلەن غالىبىيەتنىڭ 66 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھەربىي پارات ئۇيۇشتۇرۇپ، غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشنىڭ ياش ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يىلمۇ چوقۇم تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇغان.
9-ماي كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ 20 مىڭ نەپەر ھەربىي خادىمى ۋە 106 ھەربىي تېخنىكىسى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بىر قېتىملىق ئەڭ كۆپ ساندا ھەربىي خادىم قاتناشقان پارات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، زور ساندا قۇربان بەرگەن ئىدى.
بۇ يېقىنقى زامان ئۇرۇش تارىخىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئادەم چىقىمى تارتقان مەزگىلى بولۇپ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئازلاپ كەتكەن ئىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 27 مىليون سوۋېت پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ھەربىي خادىملار تەشكىل قىلغان.
ھازىر بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان جۇمھۇرىيەتلەردە 9-ماي كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ ماتەم كۈنى دەپ ھېسابلاپ، بۇ كۈننى خاتىرىلىمەسلىك تەشەببۇسلىرى مەۋجۇت. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 9-ماي كۈنى يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە خاتىرىلەنمەكتە ۋە بۇ كۈندە ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئىنسانلار ئەسلەنمەكتە. بىراق، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ كۈننى يەنىلا غەلىبە بايرىمى ھېسابلاپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشنى مۇددىئا قىلماقتا.