5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (6)

غايىبلار ئاتا-ئانىلىرى: پەرزەنتلىرىمىزنى تېپىش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتلەرگە رازىمىز.

0:00 / 0:00

تۆۋەندە 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ناملىق مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ 6-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. پروگراممىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا ئاۋۋال غايىبلاردىن 17 ياشلىق ئالىمجان ھېلاجى بىلەن 24 ياشلىق مەمەت بارات ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز؛ ئاندىن غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدىكى يەنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەش يولىدىكى ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

غايىب بولغانلاردىن بىرى ئالىمجان ھېلاجى، ئۇ 1992-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان. ئۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر شىركەتتە قوغداش خىزمىتى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىش ئورنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئالىمجان ئاتا-ئانىسى بىلەن

غايىبلاردىن يەنە بىرى مەمەت بارات. ئۇ 1984-يىلى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. مەمەت بارات 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن ئۈرۈمچى تاشبۇلاقتا ئولتۇرۇشلۇق قورۇسىدىن 15 نەپەر قوشنىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇ كۈنى بۇ قورۇدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 15 كىشىدىن 14 نەپىرى بىر ئاي بىلەن 8 ئاي ئارىسىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما مەمەت بارات ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس.

ھازىرغىچە بولغان ئىگىلەشلىرىمىزدە غايىب بولغانلاردىن 42 كىشىنىڭ ئىسىملىكى مەلۇم بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 22 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى تولۇق ئايدىڭلاشتى. تولۇقسىز ۋە غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، غايىب بولغانلار ئومۇمى سانىنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئېنىق سان يەنىلا مەۋھۇم ھالەتتە. بىز غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى، بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بىر قىسىم ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

يۇقىرىقى ئائىلىلەر سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ 3 يىلدىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا غايىبلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلىشتا سەۋرچان بولغانلىقىنى، ھېلىمۇ ئادالەتتىن تەلتۆكۈس ئۈمىد ئۈزۈۋەتمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قانۇنىي يوللار بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.