5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدىكى دەسلەپكى ئېنىقلىشىمىزدا، غايىبلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ قازاق مىللىتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئىگىلەشلىرىدە، بۇ ئىككىسىنىڭ كىملىكلىرى ۋە غايىب بولۇش جەريانى ئايدىڭلاشتى. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلاردىن بىرى ئايتقازى ھاسانبېك، 26 ياش؛ يەنە بىرى ئامانتاي جۈمەتاي، 39 ياش؛ ھەر ئىككىسى بىردىن پەرزەنت ساھىبى. بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ئىككىلىسى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىش ۋە ئىسيانغا قاتناشقان ئەمەس؛ پەقەت چىرايلىرى ئۇيغۇرلارغا ئوخشىشىپ قالغىنى ئۈچۈنلا ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە غايىب بولغان.

ئايتقازى ھاسانبېك ئۈرۈمچى ئورمانچىلىق تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن؛ جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردىن. ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئايتقازى، 2009-يىلى بىر بالىسى، ئانىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىنىڭ تيانشان رايونىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئولتۇراقلىق.
جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۈرۈمچىنىڭ بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدا كوچىغا چىققان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاندىقىنى تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چىققان. ئايتقازى مانا مۇشۇ بوراندا غايىب بولغان.
ئايتقازىنىڭ ئاچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى ئايتقازى كالتە ئىشتان ۋە ئاسما مايكا بىلەن پۇتىدا تەرلىك كىيگەن ھالەتتە كوچىغا چىققان. ئۇنىڭ كوچىغا چىقىشى ساقچىلارنىڭ مەزكۇر رايوندا تۇتقۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. ئۇ ئارقىسىغا چېكىنىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئايتقازى كەچ سائەت 7 لەردە ئاپىسى ئامىنەگە باخۇلياڭ ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يېرىدىن تېلېفون قىلغان. ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنماستىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، بىرەر سائەتتىن كېيىن تەكشۈرۈلۈپ قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق نەتىجە ئۇنداق بولمىغان.
ئايتقازى ئائىلىسى ئەتىسى مەزكۇر ساقچىخانىغا بارغاندا، ساقچىلار، مەزكۇر رايوندىن تۇتۇپ كېلىنگەن كىشىلەرنىڭ شۇ كۈنىلا ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنى تولۇق تىزىملاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئايتقازىنىڭ تۇتۇلغانلار تىزىملىكىدە يوقلۇقىنى ۋە قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. مانا ھازىرغا قەدەر ئايتقازىنىڭ ئانىسى ئامىنە خانىم ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا كۈنلەپ-ئايلاپ كۈتۈپ ئۆرە تۇرۇپمۇ ئوغلى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ئۆزى پېنسىيىگە چىققان-شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىپ باققان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان.
ئامانتاي جۈمەتاي ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسى ئاپتوبۇس كالونىنىڭ سابىق شوپۇرلىرىدىن بىرى. ئامانتاينىڭ دادىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانتاينىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق غايىب بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولغىنى پەقەت، ئامانتاينىڭ 5-ئىيۇل كۈنى كەچتە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى. جۈمەتاي ئوغلى ھەققىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرنىمۇ ئۆزى ئولتۇراقلىق بىنادىكى قوشنىلىرىدىن ئۇققان. نۆۋەتتە جۈمەتاينىڭ گۇمانى، ئۆزلىرى ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامانتاي مەزكۇر قورۇدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ يەنە باشقا بىر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالغان ۋە بۇ جەرياندا تۇتۇلغان ياكى بالا-قازاغا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامانتاينىڭ ئايالى قازاقىستاندا دوختۇرخانا ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يولدىشىنى سۈرۈشتە قىلىپ بىرقانچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۆزىنى يەرلىك ئۈرۈمچىلىكلەردىن دەپ تونۇشتۇرغان جۈمەتاي، ئوغلىنىڭ قانداق غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۆز كۆڭلىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنى ھازىرچە بايان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.