5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (9)

غايىب ياش ئەيساجان ئەمەتنىڭ گىتار بىلەن ئورۇندىغان ناخشىلىرى تېپىلدى.

0:00 / 0:00

«5-ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن ئەيساجان ئەمەت 5-ئىيۇل كۈنى ئايالى توختىگۈل بىلەن بىرلىكتە نامايىش مەيدانىدا تۇتقۇن قىلىنغان، توختىگۈل ئېغىر بوي بولغاچقا شۇ كۈنى قويۇۋېتىلگەن. نۆۋەتتە ئەيساجاننىڭ ئىز-دېرىكىگە تەشنا بولۇپ تۇرغانلار ئارىسىدا، تېخى ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىككى يېرىم ياشلىق نارەسىدە بالىسى، ياشىنىپ قالغان ئانىسى ۋە ۋاپادار ئايالىدىن باشقا يەنە ئۇ قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇڭلۇق گىتارىمۇ بار. ئەيساجان ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىكى 88-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشپىزى بولۇش بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتتىكى ئىشتىن سىرتقى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدىن بىرى ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ئەيساجان ئەمەت گىتار بىلەن ئورۇندىغان 3 پارچە ناخشا ۋە ئۆزى يازغان ئىككى پارچە ناخشا تېكىستىمۇ تېپىلدى. بۇ تېمىدىكى مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمى ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى بىر ناخشىدىن ئارىيە بىلەن باشلىنىدۇ:

ئەيساجان ئەمەت 1984-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە قەشقەرنىڭ ئۆرۈك بازىرى مەھەللىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ 2008-يىلى توي قىلىپ، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن.
ئەيساجان ئەمەت ھەۋەسكار مۇزىكانت ۋە ناخشا تېكىستى يازغۇچىلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ دوستلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن، ئۆزى گىتار چېلىپ ئورۇندىغان 3 پارچە ناخشا ۋە ئىككى پارچە ناخشا تېكىستى بايقالدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ يالغۇز سەھەر ناملىق ناخشا تېكىستى.

بۇ سەھەر جىمجىت كۆل بويىدا،
چىقىدۇ مەيىن باھار شامىلى.
خىيالىم قولۋاق بوپ ئۈزەر ئاستا،
ئىزدەيدۇ كۆزلەرىم نەدە سەن.
قارايمەن تىنىمسىز ھەر ئەتراپقا،
ۋۇجۇدۇم، يۈرىكىم تولۇپ ياشقا.

سورايدۇ يۈرىكىم مەندىن سوئال،
ئۆزگەرمەس ئالدىمدا تۇرسا رېئال.
پولاتتەك ھەقىقەت ئالدىدا يار،
تەقدىرگە تەن بەردىم مەن بى-ئامال.

چىقىپتىغۇ بۇ سەھەر ئاستا قۇياش،
خوشلىشىپ سەھەردىن ئۇزاققىچە.
قايتىمەن بۇ سەھەرمۇ كۆزۈمدە ياش،
ئىزگۈ ھەم غەم-خىيالدا قايغۇرغىچە.

يالغۇزمەن بۇ سەھەر بىلسەڭ نىگار،
خىيالىم سەن بىلەن قىلىپ شىكار.
ئوۋلىماي ئوۋلىنىپ قالدىم بىكار،
تەۋرەنمەس ئىرادەم سۇندى شۇئان.

يۇقىرىقى مىسرالار ۋە ئۇچۇرلاردىن ئەيساجان ئەمەتنىڭ مەنىلىك بىر ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ -تىرمىشىپ كېتىۋاتقان ئىشچان ۋە غايىلىك ياشلاردىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

يۇقۇرىدىكىسى «5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار» ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 9-قىسمى.