ئاشكارىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» دىن كېيىن تۇتۇلۇپ غايىب بولغانلار ئارىسىدا، ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە قاتناشقۇدەك ماجالىمۇ بولمىغان ئاغرىق-بىمارلارمۇ بار. شۇ يىلى 27 ياشقا كىرگەن جۈمەجان تۇرسۇن ئېغىر ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىدىن ئوكۇل سالدۇرۇپ كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
بىز، بۇ پروگراممىمىزدا ئاۋۋال جۈمەجان تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە يەنە غايىبلاردىن 35 ياشلىق بەكرى توختى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن؛ غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېقىنقى 10-15 كۈن ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
غايىبلاردىن بىرى جۈمەجان تۇرسۇن. ئۇ 1982-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان.
غايىبلاردىن يەنە بىرى بەكرى توختى. ئۇ 1975-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.
بىز رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى غايىبلاردىن ئاباخۇن سوپۇر، ئىماممەت ئېلى، ئالىم ھېلاجى ۋە مەمەتئابلا ئابدۇرېھىملارنىڭ ئالە-تاۋىئاباتلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تېلېفون ئالاقىلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇلارغا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت ئارىلاشتۇرۇپ تەربىيە بەرگەن. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرغان ئائىلىلەر، بالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق يەردىن، ھەرقانداق شەخستىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت بالىلىرىنىڭ ئۇچۇرى تېپىلغاندىلا، ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ تەبىئىي ھالدا ھاجىتى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرى غايىب مەمەتئابلا ئابدۇرېھىمنىڭ سۈرىتى يوللانغان تورخانىنىڭ ئىگىسىنى بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.