ئاشكارىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل» دىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن بىرى كومپارتىيە ئەزاسىدۇر. تىجارەتچى ئابدۇغېنى ئەزىزنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى، ھەتتا ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىگە سۇ ۋە تاۋۇز سۇنۇپ كۆرسەتكەن ساداقىتى ئۇنى تۇتۇلۇش ۋە غايىب بولۇشتىن قوغداپ قالالمىغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا خاس چىرايى ۋە ئۇيغۇرچە ئىسمىنىڭ ئۆزىلا جىنايەت گۇماندارى سانىلىشقا يېتەرلىك ئاساس بولغان بولسا كېرەك.

ئابدۇغېنى ئەزىز 1970-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەھەل كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ 1997-يىلى خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغان. ئۇ، 2006-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بېرىپ ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى قۇرغان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلىك تىكلىگەن. 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىش بىلەن تىجارىتى توختاشقا مەجبۇر بولغان ئابدۇغېنى، ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەتنىڭ تېز نورماللىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن؛ ئۇ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىگە ئۆز مىننەتدارلىقىنىمۇ ئىپادىلىگەن؛ يەنى 5-كۆۋرۈكتە نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئىچىملىك سۇ ۋە تاۋۇز تەقدىم قىلغان.
7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كەلگەندە 7 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئۇنى، ئۈرۈمچىنىڭ شىنخۇا جەنۇبى يول، 56-نومۇر، 8-بىنا، 602-نومۇرلۇق ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. ساقچىلار ئۇنى تۇتقاندا ئۇنىڭ يېڭى سانتانا ماشىنىسى ۋە 2600 يۈەن نەق پۇلىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىرلىكتە تۇتۇلغان بورتالالىق تىجارەتچى مەۋلان زېرىدىن 5 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ ئەمما خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى ئابدۇغېنى ئەزىزدىن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ئېتىبارەن ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئىنىسى روزىمەمەت 3 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىگە 20 قېتىم بارغان. بۇ جەرياندا خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى تونۇمىغان، ھەربىيلەرگە كۆرسەتكەن ساداقىتىنىمۇ ھېسابقا قاتمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسى باشقا غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئوخشاشلا ئۇ ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. بۇ خاپىلىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئابدۇغېنىنىڭ دادىسى، پېشقەدەم كەنت پارتكوم سېكرېتارى ئابدۇلەزىز 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24 كۈنى ئەلەم بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.