5‏-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ كەچۈرمىشلىرى (2)

5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پەرزەنت ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت يۈرەك ئازابىدىن باشقا يەنە، مال-دۇنيالىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ماددىي قىيىنچىلىق ئازابىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئائىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، يىللاردىن بېرى تاپقان-تەرگەن مال-دۇنيالىرىنى غايىبلارنى ئىزدەش يولىدا سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن؛ بۇنىڭ ئۈستىگە دائىرىلەر ئۇلارنى ئەرز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى يىغىۋالغان ۋە ئۆزلىرىنى نەزەربەند قىلىۋالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ مەدىكارچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى تاللاش يولىمۇ ئېتىلىپ قالغان.

غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئائىلىلەر مال-بىساتىنىڭ كۆپ قىسمىنى، قاتناش خىراجىتى، مېھمانخانا ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىماتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا، يەنە بىر قىسمىنى ساقچىلارنى مېھمان قىلىش، ئەمەلدارلارغا ئارقا ئىشىك مېڭىش ۋە سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەجبۇرلانغان يوللارغا سەرپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىشقا، بەزى ئائىلىلەر قورۇ-جاي ۋە ئۆي سايمانلىرىنى سېتىشقا، بېزىلەر سودا قىلىۋاتقان دۇكانلىرىنى سېتىشقا، يەنە بەزىلىرى ھاياتىنىڭ داۋامى ئۈچۈن بىردىن-بىر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىنىمۇ سېتىشقا مەجبۇر بولغان.

غايىبلاردىن نەبىجان ئېلى ئائىلىسى:

نەبىجان ئېلى ئائىلىسى پەرزەنتلىرىنى ئىزدەش داۋامىدا، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاچقان قول تېلېفونى دۇكىنىنى، ئارقىدىن خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئېچىۋاتقان ئاشخانىسىنى تاقاش ۋە سېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قاراقاش ناھىيىسىدىكى 2 مو تېرىلغۇ يېرىنىمۇ سېتىپ خىراجەت قىلغان. بۇ ئائىلە بىر قېتىم پەرزەنتلىرىنىڭ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈنلا، بىر ئەمەلدارغا 5 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن. 3 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى بىلەن قاراقاش ئارىسىدا ئاز دېگەندە 30 قېتىم قاتنىغان، بېيجىڭغا بىر قېتىم بارغان، ئىككى قېتىم يول ئۈستىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوغلىنىڭ خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مىش-مىش گەپ ئاڭلىغان ئائىلە، بۇ شەھەرگىمۇ بىر قېتىم سەپەر قىلىپ، 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلىگەن. مەزكۇر ئائىلىنىڭ 3 يىل ئىچىدىكى ئومۇمى چىقىمى 500 مىڭ يۈەنگە بېرىپ قالغان. ئۇ يېقىندا ئاقسۇغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلماقچى بولغاندا، قاراقاش ساقچىلىرى يول قويمىغان.

ئەيساجان ئەمەت ئائىلىسى:

ئەيساجاننىڭ ئانىسى تۇرسۇنگۈل، ئوغلىنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆيىدىكى مال-بىساتىنى، ئارقىدىن زىننەت-بۇيۇملىرىنى سېتىپ خىراجەت قىلغان. نۆۋەتتە ئۆيلىرى قۇرۇقدىلىپ قالغان بۇ ئائىلە يەنە قورۇ-جايلىرىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىشقا ھازىرلانماقتا.

تۇدىمەمەت تۇرسۇننىياز ئائىلىسى:

تۇدىمەمەت تۇرسۇننىياز ئائىلىسى دېھقانچىلىققا قوشۇمچە ھالدا بورىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئائىلە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭغا قاتناش داۋامىدا تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئاساسلىق كىرىمىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئائىلىنىڭ قوشۇمچە كىرىم مەنبەسى بولغان بورىچىلىق ئىشىمۇ سۇغا چىلاشقان.

جۈمە تۇرسۇن ئائىلىسى:

ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىي ئاساسىي ئاجىز بولغان بۇ ئائىلە، ئائىلىدىكى بىردىن-بىر ئەمگەك كۈچى بولغان ئوغۇللىرى جۈمە تۇرسۇندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ياشانغان بىر جۈپ ئەر-ئايال سىرتلاردا ھامماللىق ياكى تازىلىق ئىشلىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.

ئابدۇرېھىم روزى ئائىلىسى:

ئەسلىدە ماشىنا رېمونتچىلىق كەسپى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ ئائىلە، رېمونتچى ئابدۇرېھىم سىدىق غايىب بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي كىرىمدىن مەھرۇم قالغان. قۇچاقتىكى ئىككى بالىسى بىلەن ئىشلەش ئىمكانى بولمىغان، ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ خانىمى نۆۋەتتە پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەنلا كۈن كەچۈرمەكتە.

ئەكبەر تۇرسۇن ئائىلىسى:

ئەسلىدە دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ 4 خوجايىنىدىن بىرى بولغان ئەكبەر تۇرسۇن غايىب بولغاندىن كېيىن، دۇكان تىجارەت جەھەتتىن ئارقىغا چېكىنىپ تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەكبەر تۇرسۇن نۆۋەتتە بەيتۇللا مەسچىتنىڭ ئالدىدا يايما ئېچىپ پايپاق سېتىقچىلىقى بىلەن كۈن كەچۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا بىر مىليون يۈەندىن تۆلەم بەرگەن. شۇ كۈنى مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان خىتايلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە تۆلەم بەرگەن. 5-ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەندىن باشقا، مەزكۇر ئائىلىلەرنى ئەھۋالنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىماسلىق ۋە ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تەھدىت سالغان.

يۇقىرىقى پاكىتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئالدىدا جان قەرزى بىلەن بىرلىكتە، مال قەرزىمۇ بارلىقى ئاشكارا تۇرماقتا. خىتاي مانا بۇ قەرزلەرگە قاچان ۋە قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ بۇ قەرزلەرنى يوشۇرۇش، پەردازلاش ۋە تەھدىت سېلىش بىلەن يەنە قانچىلىك جاۋابسىز قالدۇرىدۇ؟ ئەبەدىي جاۋابسىز قالدۇرالىشى مۇمكىنمۇ؟ مانا بۇلار، نۆۋەتتە مەزكۇر ئائىلىلەر بىلىشكە تەشنا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرلا بولماستىن، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئاكتىپلىرىمۇ باش قاتۇرۇۋاتقان ۋە تېگىشلىك جاۋاب ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقان مەسىلىلەردۇر.